باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى

پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، تەشكىلات تارماقلىرى كادىرلارنى نازارەت قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتتى

كادىرلارنى قاتتىق باشقۇرۇپ ۋە نازارەت قىلىپ، سادىق، پاك بولىشىغا، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك (جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن بەش يىل . پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش)

2017.09.19 15:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيە ئۆزىنى باشقۇرۇشتا ئالدى بىلەن كادىرلارنى ياخشى باشقۇرۇش كېرەك. پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشتا ئەمەلدارلارنى قاتتىق باشقۇرۇش مۇھىم ھالقا.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۆزلەپ، ئەمەلدارلارنى قاتتىق باشقۇرۇشنى پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشنىڭ مۇھىم تەدبىرى قىلىپ تۇتۇپ، بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيە، يېڭى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ھەر دەرىجىلىك تەشكىلات تارماقلىرى مەركەزنىڭ قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەينەن ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاساسىي مەسئۇلىيەت، ئاساسىي كەسىپنى نىشانلاپ، مەسئۇلىيەتچانلىقنى ئاشۇرۇپ، كادىرلارنى نازارەت قىلىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، قەتئىي پوزىتسىيە، كەسكىن تەدبىر ئارقىلىق ئەمەلدارلارنى باشقۇرۇش ۋە ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ، سادىق، پاك بولغان، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالالايدىغان يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنىنى زور كۈچ بىلەن بەرپا قىلىپ، «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشىنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈش ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

  كادىرلارنى ئۆستۈرۈش-ئىشلىتىشنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئادەم ئىشلىتىش مۇھىتىنىڭ ئىستىل، كەيپىياتىنى رۇسلاش ئارقىلىق سىياسىي ئېكولوگىيەنىڭ ساپلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە ئادەم ئىشلىتىش ھەممىدىن مۇھىم. ئادەم تاللاش-ئىشلىتىش پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنىڭ يۆنىلىشى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ھوقۇقنى چىڭ تۇتۇش، ئەمەلدارلارنى باشقۇرۇشنىڭ ئاجىز نۇقتىسىنى ياخشى تۇرۇپ، ئادەم ئىشلىتىش چىرىكلىكىنى قاتتىق تەكشۈرۈش جازالاپ، ئادەم تاللاش-ئىشلىتىشتىكى ناتوغرا ئىستىلنى زور كۈچ بىلەن تۈزەپ، ئادەم ئىشلىتىش ئىستىلىنى ھەقىقىي ساپلاشتۇرۇپ، ياخشى كادىرلارنى تاللاپ ئىشلىتىش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا) ۋە تەشكىلات، كادىرلار تارماقلىرى ئادەم تاللاش-ئىشلىتىشنى نازارەت قىلىشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، تەشكىلات، كادىرلار ئىشلىرى ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، توغرا بولغان ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىنى مۇستەھكەم تىكلەپ، ئادەم تاللاش-ئىشلىتىش ئىستىلىنى تۈزىشى كېرەك.

  كۆزىتىشتىن ئىبارەت ئۆتكۈر خەنجەردىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئادەم تاللاش-ئىشلىتىشنى كۆزىتىپ تەكشۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، مەسىلىنى بايقاپ، ھەيۋىسىنى تونۇتۇش كېرەك. ئادەم تاللاش-ئىشلىتىشنى مەخسۇس تەكشۈرۈش - كۆزىتىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مەركەز كۆزىتىش خىزمىتىنىڭ «تۆتتە كۈچەش»نى چۆرىدەشتىن «ئالتە تۈرلۈك ئىنتىزام»نى چىڭ تۇتۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى نىشانلاشتىن ئىبارەت سىياسىي كۆزىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش جەريانىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئادەم تاللاش-ئىشلىتىشنى تەكشۈرۈشنىڭ سىياسىي تەبىرىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى، تېخىمۇ ئېنىق قىلدى. مەركەزنىڭ 12 قېتىم كۆزىتىشىگە بىرلەشتۈرۈپ، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى 93 تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەر، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ۋە 235 مەركەز ئورۇنلىرىنىڭ پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ئادەم تاللاش-ئىشلىتىش ئەھۋالىنى تەكشۈردى. تەكشۈرۈشتە مەسىلىنى ھەل قىلىش ئارقىلىق يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ھالقىلىق ئاز سانلىقلارغا كۆز تىكىپ، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىك ۋە ئۆتكەلنى تۇتۇش رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرماسلىق، پارتىيەنىڭ كادىرلارنى باشقۇرۇش پىرىنسىپى، ياخشى كادىر ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرماسلىق، «تۆتكىلا قاراش» قاتارلىق مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەكشۈردى، ئادەم ئىشلىتىش تەرتىپى، بەلگىلىمىسى ۋە ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەر، ئۆز يېقىنلىرىنى ئىشقا قويۇش، مەنسەپ كويىدا قاتراش، ئەمەل سودىسى قىلىش، سايلامدا پارا بېرىپ سايلىنىش قاتارلىق ئادەم ئىشلىتىش جەھەتتىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك ئەھۋاللىرىنى كۈچەپ تەكشۈردى. مەسىلىنى بايقىغاندا دادىلىق بىلەن تېگىپ، مەسىلىنى ئىنكاس قىلغاندا يۈز بەرمەي، مەسىلىنى تۈزىتىپ ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشتى. 1600دىن ئارتۇق مەسىلىنى بايقاپ، 4300دىن ئارتۇق تۈزىتىش تەدبىرى تۈزۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن 1603 كادىرنى بىر تەرەپ قىلىپ، 4483 ئادەم/قېتىمنى پارتىيە، مەمۇرىي ئىنتىزامى بويىچە جازالىدى ياكى تەشكىلىي جەھەتتىن بىر تەرەپ قىلدى، 218 كىشىنى ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بەردى. ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەر ۋە قىسمەن مەركەز ئورگانلىرى ئادەم تاللاش-ئىشلىتىشنى تەكشۈرۈش-كۆزىتىش خىزمىتىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئادەم تاللاش-ئىشلىتىشنى نازارەت قىلىش سالمىقىنى ھەقىقىي ئاشۇردى. يۇقىرى-تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولۇش، ھەر تەرەپتىن كۈچەش، نۇقتىلىق كۈچ چىقىرىش ئارقىلىق ئادەم تاللاش-ئىشلىتىش ئىنتىزامى ۋە بەلگىلىمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياخشى كادىر ئۆلچىمى ۋە توغرا بولغان ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىنى تۇرغۇزدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر