باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مېھرى ئاتەش مېھرىگۈل

2017.09.19 16:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مۇيەسسەر ئاباھامىت خەۋىرى) مېھرىگۈل مەمەت شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىسى بالىلار كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدە كېلىنىكىلىق داۋالاش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنىغا 27 يىل بولدى. ئۇ 27 يىللىق خىزمەت ھاياتىدا بوشاشماي تىرىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بالىلار كېسەللىكلىرى ساھەسىدىكى تۆت پىروفىسسورنىڭ بىرى، غەربىي شىمالدىكى بالىلار دىيابىت كېسىلىنى سىستېمىلىق داۋالاش مەركىزىنىڭ مۇدىرى، تونۇلغان بالىلار ئىچكى ئاجراتما ئېرسىيەت كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسىگە ئايلاندى.

  شىپا تاپقان ياڭ ياڭ

  بۇ يىل 7-ئاينىڭ ئاخىرى، 13 ياشلىق ياڭ ياڭ گەنسۇ ئۆلكىىسدىن شىنجاڭغا داۋالانغىلى ئېلىپ كېلىندى. ياڭ ياڭ تۆت ياش ۋاقتىدا مېڭە ئۆسمە كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، گەنسۇدا ئوپېراتسىيە قىلىنغانىدى، ئوپېراتسىيە ئوڭۇشلۇق بولغان بولسىمۇ، بىر ئايدىن كېيىن ياڭ ياڭنىڭ قىزىتمىسى ئۆرلەپ، نەچچە ئايغىچە چۈشمىدى، ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنى گەنسۇ، شىئەن، سىچۈەندىكى داڭلىق دوختۇرخانىلارغا ئاپارغان بولسىمۇ، كېسلى شىپا تاپالمىدى، بەزى ۋاقىتلاردا ئۇنىڭ قىزىتمىسى 41، 42 گىرادۇسقىمۇ چىقىپ كېتەتتى، 38.5 گىرادۇس ئۇنىڭ نورمال بەدەن تېمپېراتۇرىسى بولۇپ قالغانىدى. شۇنىڭ بىلەن ياڭ ياڭنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى بارغانسېرى تۆۋەنلەپ، ئالتە يېشىدىن باشلاپ كارۋاتتىنمۇ چۈشەلمەيدىغان، ئۆز ھاجىتىدىن ئۆزى چىقالمايدىغان، مىجەزى ئۆزگىرىپ گەپ قىلىشنىمۇ خالىمايدىغان بولۇپ قالدى. بالىسىنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئاجىزلاپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ياڭ يەنمېي يۈرىكى پۇچۇلۇنۇپ، نېمە قىلارىنى بىلەلمەي يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە مېھرىگۈل مەمەتنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ، ياڭ ياڭنى ئېلىپ ئۈرۈمچىگە كەلدى.

  مېھرىگۈل مەمەت ياڭ ياڭنى كېسەلخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ داۋالاشقا كىرىشتى. ياڭ ياڭنىڭ مېڭە ئۆسمىسىنى ئوپېراتسىيە قىلغىچە مېڭە ئەتراپىدىكى نېرۋىلار زەخىمگە ئۇچراپ، ھورمون ئىشلەپچىقىرىشقا تەسىر يەتكەنىدى، بۇنىڭ دەسلەپكى ئالامىتى قىزىش بولغانلىقتىن، دوختۇرلار قېزىتمىسىنى چۈشۈرۈش بىلەنلا بولۇپ كېتىپ، ياڭ ياڭنىڭ كېسىلى بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ كەتكەنىدى. ياڭ ياڭ بىر ئاي مېھرىگۈل دوختۇرنىڭ كۆڭۈل قويۇپ داۋالىشى بىلەن گەپ قىلىدىغان، بەزى ھاجەتلىرىدىن ئۆزى چىقالايدىغان بولدى. دەسلەپتە ئۇنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى ئۈچ يېرىم ياشلىق بالىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى بىلەن ئوخشاش ئىدى، بىر ئاي داۋالاش ئارقىلىق ئۇ ئالتە ياشلىق بالىدەك ئەقلىي ئىقتىدارنى ھازىرلىدى. ياڭ ياڭنىڭ كۈندىن-كۈنگە ياخشى بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ياڭ يەنمېي ئالەمچە خۇش بولدى. مېھرىگۈل مەمەت ئۇلارنىڭ نەچچە يىلدىن بۇيان ئىزچىل بالىسىنى داۋالىتىپ، ئىقتىسادىي جەھەتتىن خېلىلا ھالسىرىغانلىقىنى، ئۇزاق مەزگىل داۋالىتىشقا قۇربى يەتمەيدىغانلىقىنى بىلىپ، ئۇلارغا 2000 يۈەن ياردەم قىلدى، بۆلۈمدىكى باشقا دوختۇر، سېستىرالارمۇ پۇل يىغىش قىلىپ ياڭ ياڭغا بەردى. بىرقىسىم ساخاۋەتچى كىشىلەرمۇ ياڭ ياڭنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ئۇنى يوقلىدى. مېھىرىگۈل مەمەت ۋە ئەتراپىدىكى مېھرىبان كىشىلەرنىڭ ياردىمىدە دوختۇرخانىغا ئەس-ھۇشىنى بىلمەيدىغان ھالەتتە ئېلىپ كېلىنگەن ياڭ ياڭ دوختۇر-سېستىرالارغا رەھمەت ئېيتىپ، دوختۇرخانىدىن ئۆزى مېڭىپ چىقىپ كەتتى.

  __ مەن شىنجاڭغا كېلىپ شىنجاڭ خەلقىنىڭ ئىنتايىن مېھرىبان، ئاق كۆڭۈل ئىكەنلىكىنى، مېھرىگۈل دوختۇرنىڭ بالىلارنى مېھرى بىلەن داۋالايدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم،- دېدى ياڭ ياڭنىڭ ئاپىسى ياڭ يەنمېي كۆز يېشى قىلىپ تۇرۇپ،− مەن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ خۇددى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بىر-بىرىگە ياردەم بېرىپ، ئىنتايىن ئېجىل-ئىناق ئۆتىدىغانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم.

  مېھرىگۈل مەمەت دوختۇرلۇق ھاياتىدا ياڭ ياڭغا ئوخشاش نۇرغۇنلىغان سەبىيلەرنىڭ كېسىلىنى داۋالاپ ساقايتىپلا قالماي، قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان ھەر مىللەت ئاغرىق بالىلارغا قۇربى يېتىشىچە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلىپ كەلدى.

  كەلگۈسىگە ئۇل سالغان بالىلىق ئارزۇ

  مېھرىگۈل مەمەت كىچىك ۋاقتىدا كېسەلنىڭ دەردىنى يەتكىچە تارتقانىدى، ئۇ تولا ئاغرىپ قالاتتى، دادىسى ئۇنى يۈدۈپ كېچە-كېچىلەپ دوختۇرخانىلارغا ئاپىراتتى. ئۇمۇ كۆپىنچە قىزىپ ھوشىنى بىلمەي، كۆزىنى ئاچقاندا ئاق خالاتلىق پەرىشتىلەرنىڭ ئۆز ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، سەبىي قەلبىدە دوختۇرلۇق كەسپىگە بولغان ئوتتەك ئىشتىياق قوزغىلىپ، كەلگۈسىدە بالىلار كېسەللىكلىرى دوختۇرى بولۇشنى كۆڭلىگە پۈككەنىدى. ئۇ مۇشۇ ئارزۇسىنىڭ تۈرتكىسىدە تىرىشىپ ئوقۇدى، ئارزۇسى بويىچە شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىندى. ئوقۇش پۈتكۈزگەندە نەتىجىسى ئالاھىدە ياخشى بولغانلىقتىن، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىغا دوختۇرلۇققا ئېلىپ قېلىندى.

  مېھرىگۈل مەمەت ئۆز ئارزۇسى بويىچە بالىلار كېسەللىكلىرى دوختۇرى بولغاندىن كېيىن، خىزمەتكە تېزلا كىرىشىپ كەتتى. ئۇ 1995-يىلى دۆلەت تېببىي ئىلىم جەمئىيىتىنىڭ ياش تېببىي خادىملارنى تەربىيەلەش تۈرى بويىچە ياپونىيەگە بېرىپ ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ، ياپونىيەدە بەش يىل دوكتۇرلۇقتا ئوقۇدى. ئۇ چەت ئەلدە قاتمۇقات قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، كەسىپكە بولغان ئوتتەك قىزغىنلىقى ۋە يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى ئۇنى ھەر دائىم ئالغا ئىلگىرىلەشكە، يېڭىلىق يارىتىشقا ئۈندەيتتى. ئۇ ئوقۇش جەريانىدا بويى ئۆسمەيدىغان كېسەللەر، بالىلار دىيابىت كېسىلى، سېمىزلىك توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق ژۇرنالدا ئۈچ پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلدۇرۇپ، خەلقئارادا تەسىر قوزغىدى.

  ياخشى دوختۇر، تەلەپچان ئۇستاز

  مېھرىگۈل مەمەت ئىزچىل ئۆگىنىش ۋە تەجرىبە توپلاش، يېڭىلىق يارىتىش بىلەن بىللە، ئەتراپىدىكى كەسىپداشلىرىنىڭ يېڭى تېخنىكىلارنى ئىگىلىشى ۋە تەربىيەلىنىشىگىمۇ كۆڭۈل بۆلۈشنى باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچى دەپ بىلدى. ئۇ يېڭى خىزمەتكە چىققان دوختۇرلارغا بىلگىنىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئۆگەتتى. ياشلاردىن داۋالاش قوشۇنى تەشكىللەپ، بالىلار ئىچكى ئاجراتما كېسەللىكلىرى ساھەسىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، شىنجاڭنىڭ بالىلار ئىچكى ئاجراتما ئېرسىيەت كېسەللىكلىرى ساھەسىدىكى بوشلۇقنى تولدۇردى. بۇ قوشۇن غەربىي شىمال بويىچە داۋالاش ۋە تەتقىقاتتا كۆزگە كۆرۈنگەن قوشۇنغا ئايلاندى. ئۇلار ئامېرىكا بوستۇن بالىلار دوختۇرخانىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ، تور دەرسخانىسى قۇرۇپ چىقتى. مېھرىگۈل مەمەت ھەر شەنبە كۈنى كەچتە ئوقۇغۇچىلارنى تەشكىللەپ، ئامېرىكىدىكى نوپۇزلۇق دوختۇرلار بىلەن ئاغرىقلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى ئانالىز قىلاتتى، چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارغىمۇ دەرس بېرەتتى، ئۇ تەربىيەلەپ چىققان ماگىستېر ئاسپىرانتلار چەت ئەللەردىكى دوختۇخانىلار ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دوختۇرخانىلاردا تايانچ كۈچلەردىن بولۇپ قالدى.

  شەنشى ئۆلكىسىدىن كەلگەن ئاسپىرانت ئوقۇغۇچى شې جياۋلۇڭ دېھقان پەرزەنتى ئىدى، ئۇنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق سەۋەبلىك ئوقۇشتا قىينىلىپ قىلىۋاتقانلىقىنى بىلگەن مېھرىگۈل مەمەت ئۈچ يىل ئاسپىرانتلىقنى پۈتكۈزگىچە ئۇنىڭغا ئايدا 1000 يۈەندىن تۇرمۇش پۇلى بەردى، كىيىم-كېچەك، تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى تەييارلاپ بەردى.

  __ مېھرىگۈل مۇئەللىم بولمىغان بولسا مەن ئاسپىرانتلىق ئوقۇشۇمدىن ۋاز كېچىشىم مۇمكىن ئىدى، _ دېدى شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقدىكى 5-دوختۇرخانىدا ئىشلەۋاتقان شې جياۋلۇڭ، _ ئۇ ماڭا بىلىم بېرىپلا قالماي، ئانىلارچە مېھرىبانلىق يەتكۈزدى. مەن ئايروپىلان بىلەن يۇرتۇمغا قايتقان تەتىلنى ھەرگىزمۇ ئۇنتۇپ قالمايمەن، چۈنكى بېلەتنى مېھرىگۈل مۇئەللىم ئېلىپ بەرگەن، مېنىڭ تۇنجى قېتىم ئايروپىلاندا ئولتۇرۇشۇم بولغاچقا، ئىنتايىن ھاياجانلىنىپ كەتكەنىدىم. مەن مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش مەقسىتىدە، شىنجاڭدا خىزمەت قىلىشنى تاللىدىم.

  مېھرىگۈل مەمەت جاپالىق ئەجرى بەدىلىگە كۆپ قېتىم مەكتەپ ۋە دوختۇرخانا بويىچە مۇنەۋۋەر يېتەكچى ئوقۇتقۇچى بولۇپ باھالاندى. دۆلەت دەرىجىلىك كۆپ ۋاسىتىلىك دەرسلىك تۈزۈش بويىچە كۆپ قېتىم 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. بۇ يىل 8-ئايدا ئۇ تەربىيەلىگەن ماگىستېر ئاسپىرانت دىلخۇمار جۈرئەت مەملىكەت بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ياشلار ئېنگلىز تىلىدا سىستېمىلىق دىياگنوز قويۇپ داۋالاش بويىچە نۇتۇق سۆزلەش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

  جاپالىق ئەجىردىن سۆيۈندى دىللار

  مېھرىگۈل مەمەت بىمارلارغا بارلىقىنى بېغىشلاشنى خىزمەت مىزانى قىلىپ كەلدى ھەم قىزغىن مۇئامىلىسى ۋە پىشقان داۋالاش تېخنىكىسى بىلەن كەسىپداشلىرىنى قايىل قىلىپلا قالماي، ھەر مىللەت ئاغرىقلارنىڭمۇ ھۆرمىتىگە ئېرىشىپ، ئۇلارنىڭ سىرداش دوستى ۋە غەمگۇزارىغا ئايلاندى. بۇنىڭدىن ئاغرىقلا ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، دوختۇرخانا رەھبەرلىرى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئىنتايىن مىننەتدار بولدى.

  __ مەن بىر تەرەپتىن، قىزىمنىڭ ياراملىق دوختۇر بولۇپ يېتىشكەنلىكىدىن پەخىرلەنسەم، يەنە بىر تەرەپتىن پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ مەخسۇس ئاز سانلىق مىللەتلەردىن بولغان ھەر كەسىپتىكى تايانچ كۈچلەرنى يېتىشتۈرۈپ چىققانلىقىدىن ئىنتايىن سۆيۈنىمەن،− دېدى مېھرىگۈل مەمەتنىڭ دادىسى مەمەت ئىسمائىل،− پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىدا قىزىم مېدىتسىنا ساھەسىدە شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىدا، چەت ئەلدە ئوقۇپ ئۇتۇق قازاندى. شۇڭا قىزىمغا ئۆزىنى نامايان قىلىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەن دوختۇرخانا رەھبەرلىرى ۋە پارتىيە، ھۆكۈمەتكە كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز.

  __ مېھرىگۈل مەمەت بالىلار بۆلۈمنىڭ غوللۇق دوختۇرى، بىلىم قۇرۇلمىسى ۋە تەجرىبىسىمۇ ئىنتايىن مول، تەتقىقات ئېڭى ناھايىتى كۈچلۈك، مەن مېھرىگۈلنىڭ بالىلار كېسەللىكلىرى ساھەسىدە تېخىمۇ كۆپ ئىزدىنىپ، تېخىمۇ كۆپ ئاغرىق بالىلارغا بەخت ئاتا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن،-دېدى شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانا بالىلار كېسەللىكلىرىنى داۋالاش مەركىزىنىڭ مۇدىرى يەن مېي.

  مېھرىگۈل مەمەتكە نىسبەتەن بالىلارنىڭ چېھرىدە ئەكس ئەتكەن تەبەسسۇم ۋە ھاياتقا بولغان ئىشەنچ ئۇنىڭغا بەرگەن ئەڭ ئالىي مۇكاپات، ئۇ ئاغرىقلارنىڭ تەشەككۈرىنى ئاڭلىغاندا ئالەمچە خۇشاللىق ھېس قىلىدۇ، چارچاشلىرى تۈگەپ، ھاردۇقى چىققاندەك بولىدۇ. ئۇنىڭ كەسپىگە بولغان مۇھەببىتى ھېلىھەم سۇسلاشقىنى يوق.

  __ ئادەمدە ئارزۇ بولۇش بەك مۇھىم، شۇ ئارزۇغا يېتىش ئۈچۈن تىرىشىش، ئارزۇسىغا يېتىپ بولغاندىن كېيىنمۇ داۋاملىق تىرىشىش تېخىمۇ مۇھىم. ئارزۇ، تىرىشچانلىق، داۋاملاشتۇرۇش ۋە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش __ ھاياتىمنى تېخىمۇ مەنىگە ئىگە قىلغان. دەسلەپتە ئوقۇش پۈتكۈزۈپلا ئىچكىرىدىن كەلگەن پېشقەدەم ئۇستازلارنىڭ قولىدا تەربىيەلىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم، ئىچكىرىگە بىر يىل ئېنگلىز تىلى ئۆگەنگىلى ماڭغىنىمدا، قىزىمنىڭ ئوقۇتقۇچىسى خەن فېڭلىن ئۆيىمىزگە كېلىپ، قىزىمنىڭ ئۆگىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى، ئاتا-ئانام، قېرىنداشلىرىم مېنى يېقىندىن قوللىدى. ئەتراپىمدا مانا مۇشۇنداق كۆپ كىشىلەرنىڭ ياردىمىدە مەن بۈگۈنكى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلىدىم، شۇڭا مەنمۇ جەمئىيەتكە مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرۈشۈم، بالىلارنىڭ ساغلاملىقى ۋە ھەر مىللەت تايانچ دوختۇرلارنى تەربىيەلەپ چىقىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىم كېرەك، − دېدى مېھرىگۈل دوختۇر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر