خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9-ئاينىڭ 13-كۈنى «خەلق» سارىيىدا برۇنېي سۇلتانى ھەسسەنال بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئىككى دۆلەتنىڭ كەلگۈسى ھەمكارلىقىنى ئورتاق ياخشى پىلانلاپ، جۇڭگو-برۇنېي مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى دەۋردە تېخىمۇ زور تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ بەخت يارىتىشقا بىردەك قوشۇلدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن برۇنېي دېڭىز ئارقىلىق قارىشىپ تۇرىدىغان يېقىن قوشنا، شۇنداقلا ئۆزئارا ئىشىنىدىغان دوست ۋە ھەمراھلاردىن. ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، دۆلەت ئەھۋالى ۋە ئىجتىمائىي تۈزۈم پەرقىدىن ھالقىپ، ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا پايدا يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىقتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتى. بۇ يىل ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ ئىككىنچى 25 يىللىقىنىڭ باشلىنىش يىلى، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى يۇقىرى بىلەن تۆۋەننى بىر-بىرىگە باغلايدىغان، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان ئاچقۇچلۇق باسقۇچتا تۇرۇۋاتىدۇ. جۇڭگو برۇنېي بىلەن بىرلىكتە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە يىراق كەلگۈسى نۇقتىدىن ئىگىلەپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇش ھەم تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ ۋە كۈچەيتىپ، ئىچكى تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى