باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ بىلەن تېلېفونلاشتى

2017.09.19 15:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق گېزىتى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-سىنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9-ئاينىڭ 18-كۈنى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ بىلەن تېلېفونلاشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر ئۈستىدە دائىملىق ئالاقىنى ساقلاپ كەلگەنلىكىمدىن ناھايىتى خۇشالمەن. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ كەڭ دائىرىلىك ئورتاق مەنپەئىتى بار، ھازىر ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىق ۋەزىيىتى ياخشى بولماقتا. ئىككى تەرەپ يۇقىرى قاتلام ۋە ھەر قايسى دەرىجىلىكلەرنىڭ ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئامېرىكا جەمئىيەت ۋە ئادىمىيەت سۆھبىتى، قانۇن ئىجرا قىلىش ۋە تور بىخەتەرلىكى سۆھبىتىنى ياخشى ئۆتكۈزۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىش كېرەك. جۇڭگو زۇڭتۇڭ ئەپەندىنىڭ بۇ يىل جۇڭگودا قىلىدىغان دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئىككى تەرەپ قويۇق ھەمكارلىشىپ، بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ مول نەتىجىلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئاتا قىلىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر