- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەرش كېمىسى 1-نومۇرلۇق ئالەم كېمىسى ئەرش ئوردىسى 2-نومۇرلۇق بوشلۇق تەجرىبىخانىسىدىن ئايرىلىپ، كېڭەيتىپ قوللىنىش ۋە مۇناسىۋەتلىك تەجرىبىلەرنى داۋاملىق قانات يايدۇردى
2017.09.18 15:47 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9-ئاينىڭ 17-كۈنى، بەش ئايغا يېقىن ئۇچۇش ئارقىلىق، ئەرش كېمىسى 1-نومۇرلۇق توشۇغۇچى ئالەم كېمىسى پىلان بويىچە ئەرش ئوردىسى 2-نومۇرلۇق ئالەم بوشلۇقى تەجرىبىخانىسى بىلەن ئايرىۋېتىلىپ، ئوربىتادىن ئايرىلىش ئالدىدىكى كېڭەيتىپ قوللىنىش ۋە مۇناسىۋەتلىك تەجرىبىلەرنى داۋاملىق قانات يايدۇردى.
9-ئاينىڭ 17-كۈنى، يەر يۈزىدە بۇيرۇق چۈشۈرۈلۈپ، ئەرش كېمىسى 1- نومۇر ناملىق توشۇغۇچى ئالەم كېمىسى ئەرش ئوردىسى 2-نومۇرلۇق ئالەم بوشلۇقى تەجرىبىخانىسىدىن ئاجرىتىلدى. تەرتىپ بويىچە، ئەرش كېمىسى 1-نومۇدىن ئايرىلىپ چىققاندىن كېيىن، 120 مېتىرلىك ئورۇنغا كەلدى ھەمدە ئورنىنى ساقلىدى، يەر يۈزى ھالەتنىڭ نورماللىقىنى بېكىتكەندىن كېيىن، ئەرش كېمىسى 1- نومۇرنىڭ نورمال چېكىنىشىنى كونترول قىلدى، ئەرش كېمىسى 1-نۇمۇرلۇق ئالەم كېمىسى ئۈچ ئوقلۇق مۇقىم بولغان ئۇچۇش قىياپىتى ھاسىل قىلىپ، ئېگىزلىكى تەخمىنەن 400 كىلومېتىر بولغان يېقىن چەمبەرسىمان ئوربىتىدا مۇستەقىل يۈرۈشنى باشلىدى.
پىلان بويىچە، ئەرش كېمىسى 1- نومۇر يەنە داۋاملىق تۈرلۈك تەجرىبىلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ئۇنىۋېرسال قوللىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئالەم بوشلۇقى پونكىتىنى تەتقىق قىلىپ ياساش ۋە يۈرۈشتۈرۈپ باشقۇرۇش ئۈچۈن تەجرىبە توپلايدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر