بۇ، 14- سېنتەبىر گېرمانىيەنىڭ فىرانكفورت خەلقئارا ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە سۈرەتكە تارتىلغان جۇڭگو سەددىچىن ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ داڭلىق ماركىسى WEY قارمىقىدىكى ساپ توكلۇق تېخنىكا ئاپتوموبىلىXEV.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 67- نۆۋەتلىك فىرانكفورت خەلقئارا ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى 14- چېسلا رەسمىي باشلاندى. جۇڭگونىڭ نۇرغۇن كارخانىلىرىنىڭ ئاپتوموبىللىرى فىرانكفورت خەلقئارا ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە كۆرگەزمە قىلىندى. ئاپتوموبىل مۇستەقىل ماركىسىدىن كەسىپ زەنجىرى تەمىنلىگۈچى سودىگەرگىچە، جۇڭگونىڭ ئاپتوموبىل كارخانىلىرى ئۆزلىرىنىڭ يېڭى مەھسۇلاتلىرى ۋە يېڭى تېخنىكىسى ئارقىلىق بۇ خەلقئارا سۇپىدا جۇڭگونىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللىرىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى نەتىجىلىرىنى نامايان قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى