باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يەتتە مىنىستىرلىق، كومىتېت بىرلىشىپ لايىھە بېسىپ تارقاتتى

جامائەت مەدەنىيەت ئاپپاراتلىرىنىڭ قانۇنىي ئىگە ئىدارە قىلىش قۇرۇلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

2017.09.14 15:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 9-ئاينىڭ 13-كۈنى ئېچىلغان مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ 3-پەسىللىك قەرەللىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئۇقۇشىچە، ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، جامائەت پاراۋانلىقى خاراكتېرىدىكى مەدەنىيەت كەسپىي ئورۇنلىرىنىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ماقۇللىقى بىلەن، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى، مەركەز ئاپپاراتلىرى ئىشتات كومىتېتى ئىشخانىسى، مالىيە مىنىستىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى، جۇڭگو پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى بىرلىشىپ يېقىندا «جامائەت مەدەنىيەت ئاپپاراتلىرىنىڭ قانۇنىي ئىگە ئىدارە قىلىش قۇرۇلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «يولغا قويۇش لايىھەسى» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقىتىپ، ئاممىۋى كۇتۇپخانا، مۇزېي، مەدەنىيەت سارىيى، پەن-تېخنىكا سارىيى، سەنئەت سارىيى قاتارلىقلاردا كېڭەشنى ئاساس قىلغان قانۇنى ئىگە ئىدارە قىلىش قۇرۇلمىسى ئورنىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

  «يولغا قويۇش لايىھەسى»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جامائەت مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى نىشان، ئاممىۋى كۇتۇپخانا، مۇزېي، مەدەنىيەت سارىيى، پەن-تېخنىكا سارىيى، سەنئەت سارىيى قاتارلىقلارنى مۇھىم ساھە قىلىپ، جامائەت مەدەنىيەت ئاپپاراتلىرىنىڭ كېڭەشنى ئاساس قىلغان قانۇنىي ئىگە ئىدارە قىلىش قۇرۇلمىسى ئورنىتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ۋەكىللىرى، كەسپىي زاتلار ۋە ھەر ساھە ئاممىسىنى باشقۇرۇشقا قاتناشتۇرۇپ، قانۇنىي ئىگىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باشقۇرۇش سەۋىيەسى ۋە مۇلازىمەت ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئاممىنى تېخىمۇ ئەلا، يۇقىرى سۈپەتلىك جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى جامائەت مەدەنىيەت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چېن بىنبىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: «يولغا قويۇش لايىھەسى»گە ئاساسەن، 2020-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى شەھەر (ۋىلايەت) دەرىجىلىكتىن يۇقىرى كۆلىمى بىر قەدەر چوڭ بولغان، جەمئىيەتنى جامائەت پاراۋانلىق مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان ئاممىۋى كۇتۇپخانا، مۇزېي، مەدەنىيەت سارىيى، پەن-تېخنىكا سارىيى، سەنئەت سارىيى قاتارلىق جامائەت مەدەنىيەت ئاپپاراتلىرىدا كېڭەشنى ئاساس قىلغان قانۇنىي ئىگە ئىدارە قىلىش قۇرۇلمىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئورنىتىپ، تەدبىر بەلگىلەش، ئىجرا قىلىش ۋە نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالاقىدار تەرەپنىڭ ھوقۇق-مەسئۇلىيىتىنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ راۋان ئايلاندۇرۇپ، ھاياتىي كۈچىنى توختىماي ئۇرغۇتۇپ، ئاممىنىڭ جامائەت مەدەنىيىتىگە بولغان ئېرىشىش تۇيغۇسىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر