باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلىتىمىزدە ئورتاق تىلنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى %73 كە يەتتى

ساۋاتلىقلار نوپۇسىنىڭ قېلىپلاشقان خەنزۇ يېزىقىنى قوللىنىش نىسبىتى %95 تىن ئاشتى

2017.09.14 14:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، مائارىپ مىنىستىرلىقى، دۆلەت تىل-يېزىق كومىتېتى «جۇڭگو تىل-يېزىق ئىشلىرى تەرەققىيات دوكلاتى» قاتارلىق بىر قاتار تاشلىق كىتابلارنى ئېلان قىلىپ، ئېلىمىزنىڭ تىل-يېزىق خىزمىتى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى ۋە خىزمەت نەتىجىلىرىنى ئەتراپلىق، سىستېمىلىق نامايان قىلدى. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئورتاق تىلنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى 2000-يىلىدىكى %53تىن 2015-يىلىدىكى تەخمىنەن %73كە ئۆرلىگەن، ساۋاتلىقلار نوپۇسىنىڭ قېلىپلاشقان خەنزۇ يېزىقىنى قوللىنىش نىسبىتى %95تىن ئاشقان،

  تىل ساھەسى تېز تەرەققىي قىلىپ، يىللىق كەسىپ قىممىتى 280 مىليارد يۈەندىن ئاشتى

  مەمىلىكىتىمىز بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت ھەمدە كۆپ تىللىق، كۆپ دىئالېكتلىق، كۆپ خىل يېزىقلىق دۆلەت. «جۇڭگو تىل-يېزىق ئىشلىرى تەرەققىياتى دوكلاتى (2017)»دا كۆرسىتىلىشىچە، دۆلىتىمىزدە جەمئىي 56 مىللەت، 100 نەچچە خىل تىل بار بولۇپ، خەنزۇ-زاڭزۇ تىلى سىستېمىسى، ئالتاي تىلى سىستىمىسى، جەنۇبىي ئاراللار تىل سىستىمىسى، جەنۇبىي ئاسىيا تىل سىستىمىسى ۋە ھىندى-ياۋروپا تىل سىستىمىسىغا بۆلۈنگەن؛ 29 خىل يېزىق بار بولۇپ، خەنزۇچە خەت ۋە ھازىر قوللىنىلىۋاتقان 28 خىل ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. خەنزۇ تىلى دۆلىتىمىزدە ئىشلىتىدىغان ئاھالىسى ئەڭ كۆپ تىل بولۇپ، شىمال دىئالېكتى، جەنۇب دىئالېكتى، جياڭشى دىيالېكتى، خۇنەن دىئالېكتى، فۇجيەن دىيالېكتى، گۇاڭدۇڭ دىئالېكتى، كېجيا تىلى قاتارلىق دىئالېكتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر