باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ ئۇزۇن قاتلىمى بىرىكمىلىرىنىڭ خورىشى توغرىسىدىكى مونتىرېئال كېلىشىمنامىسى تۈزۈلگەنلىكىنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2017.09.13 14:45         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ تۈنۈگۈن بېيجىڭدا ئېچىلغان ئۇزۇن قاتلىمى بىرىكمىلىرىنىڭ خورىشى توغرىسىدىكى مونتىرېئال كېلىشىمنامىسى تۈزۈلگەنلىكىنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  لى كېچياڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق دېدى: ئۇزۇن قاتلىمىنى قوغداش، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش يەر شارى يولۇقۇۋاتقان ئورتاق خىرىس. 30 يىلدىن بۇيان، مونتىرېئال كېلىشىمنامىسىگە ئەمەل قىلىش خىزمىتىدە غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ئىنسانلار پائالىيەت داۋامىدا ئۇزۇن قاتلىمىنى بۇزۇشى ئۈنۈملۈك چەكلىنىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يەر شارىنى قوغداش ئىرادىسىنى نامايەن قىلىپ، باشقا يەر شارى خاراكتېرلىك مۇھىم مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشىغا ئۈلگە تىكلەپ بەردى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو مەسئۇلىيەتچان تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن يەر شارىنىڭ مۇھىتىنى ئوڭشاش ئىشلىرىغا پائال قاتنىشىپ، يېشىل ، تۆۋەن كاربون، ئايلىنىدىغان ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتتىن ئىبارەت ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنى تەشەببۇس قىلىپ، 2030-يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى تەكشى ئىلگىرى سۈردى. مونتىرېئال كېلىشىمنامىسى رامكىسىدا جۇڭگو ئۇزۇن قاتلىمى بىرىكمىلىرى خورىشىدا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى شاللىدى. جۇڭگو ئۆتەشكە تېگىشلىك خەلقئارا مەجبۇرىيەتنى داۋاملىق ئۈستىگە ئېلىپ، مۇھىت ئاسراش ساھەسىدىكى خەلقئارا ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، يەر شارىنىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىگە يېڭى تۆھپە قوشىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر