باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شىنجاڭدىكى بىر قانچە تارىخىي مەسىلىگە ئالاقىدار تەتقىقات توغرىسىدىكى سۆھبەت يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

يۈ جېڭشېڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى

2017.09.14 14:42   مەنبە: خەلق تورى

شىنجاڭدىكى بىر قانچە تارىخىي مەسىلىگە ئالاقىدار تەتقىقات توغرىسىدىكى سۆھبەت يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭدىكى بىر قانچە تارىخىي مەسىلىگە ئالاقىدار تەتقىقات توغرىسىدىكى سۆھبەت يىغىنى 9-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 13-كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى تەپەككۇرى، يېڭى ئىستراتېگىيەسى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى ۋە ئىزچىللاشتۇرۇلدى، مەركەزنىڭ 2 ـ قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى ۋە مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇلدى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، شىنجاڭدىكى بىر قانچە تارىخىي مەسىلىگە ئالاقىدار تەتقىقات توغرىسىدىكى سۆھبەت يىغىنى خاتىرىسىنىڭ روھى ئەستايىدىل ئۆگىنىلدى ۋە ئۆزلەشتۈرۈلدى، ئىدىيە يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈلۈپ، تونۇش چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، ئورتاق تونۇش مۇجەسسەملىنىپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاق- مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەر پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلدى.

  يۈ جېڭشېڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: سۆھبەت يىغىنى خاتىرىسىدە ماركسىزملىق دۆلەت قارىشى، تارىخىي قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشى تەتبىقلىنىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدە ئېڭى ۋە نەزەر دائىرىسىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، ئېلىمىزنىڭ تارىخىي تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىدىن شىنجاڭنىڭ رايون تارىخىي تەرەققىياتى تەتقىق قىلىنىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرى بىلەن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى بىلەن شىنجاڭدىكى ھەر قايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزئارا باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىگە نەزەر ئاغدۇرۇلۇپ، شىنجاڭدىكى بىر قانچە تارىخىي مەسىلىگە ئەستايىدىل جاۋاب بېرىلدى ھەم ئېنىق قىلىپ مۇنداق چۈشەندۈرۈلدى: شىنجاڭ ئېلىمىز زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، كۆپ مىللەتنىڭ بۈيۈك بىرلىككە كېلىش ۋەزىيىتى ئېلىمىزنىڭ چىن، خەن سۇلالىلىرى دەۋرىدىن بۇيان ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەنگەن تارىخىي ئەنئەنە ۋە ئۆزىگە خاس ئەۋزەللىك؛ شىنجاڭدىكى مىللەتلەر جۇڭخۇا مىللىتى بىلەن تومۇرداش، تەقدىرداش ئائىلە ئەزالىرى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق مەنپەئىتى؛ شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ مۇنبەت تۇپرىقىدا يىلتىز تارتقان بولۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى؛ شىنجاڭ كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان رايون بولۇپ، دىنلارنىڭ مۇناسىۋىتى ۋە ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشىدىكى تارىخىي تەجرىبە. بۇ ئاساسىي قاراش شىنجاڭنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسى، بولۇپمۇ تارىخ ساھەسىدىكى رېئال مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى مۇھىم پىرىنسىپقا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ بىر قانچە تارىخىي مەسىلىلەر توغرىسىدىكى تونۇشىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى مۇھىم ئورتاق تونۇشقا، شىنجاڭنىڭ ئىدېئولوگىيە خىزمىتىدە يېتەكچىلىك ھوقۇقى، تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقى، سۆز قىلىش ئوقۇقىنى ئىگىلەشنى مۇھىم تەپەككۇر يولىغا ئىگە قىلدى.

  يۈ جېڭشېڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شىنجاڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك كادىرلار، زىيالىيلار ۋە دىنىي زاتلارنى زور كۈچ بىلەن تەربىيەلەپ، ئاممىغا كەڭ دائىرىدە تەشۋىق قىلىپ ۋە ئۇلارنى تەربىيەلەپ، رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنىڭ، ئىدىيەۋى تەربىيەنىڭ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ دەل جايىدا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. تارماقلار ئاڭلىق ھالدا پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىنىڭ ئومۇملۇقى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، پائال زىممىسىگە ئېلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلەپ، خىزمەت تەپەككۇرىنى توغرىلاپ، ۋەزىپە- نىشانلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، كېيىنكى قەدەمدىكى خىزمەتلەرنى ياخشى پىلانلىشى كېرەك. جايلار يىغىن خاتىرىسىنى تەشۋىق قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كەڭ ئاممىنى شىنجاڭنى چۈشىنىش، شىنجاڭنى تونۇش، شىنجاڭنى قوللاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·شىنجاڭ ئاساسىي قاتلام سىياسىي-قانۇن ئورگانلىرىغا 589 ئادەم تولۇقلاپ قوبۇل قىلىدۇ
    ·شىنجاڭدا ئۈچ يىل ئىچىدە 15 يىللىق مائارىپ ئاساسىي جەھەتتىن ئومۇملاشتۇرۇلىدۇ
    ·شىنجاڭدا 5000 مەمۇر ۋە ئوقۇتقۇچى مائارىپقا ياردەم بېرىشكە تاللاپ ئەۋەتىلىدۇ
    ·ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇنۋان ۋە باھالاش تۈزۈمى ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ
    ·گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشسىز قېلىشى…
    ·ئاپتونوم رايونىمىزدىن ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن 4000 ئوقۇغۇچى ئىچكىرىگە تەربىيەلىنىشكە تاللاپ ئەۋ…
    ·2018- يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بېرىشنىڭ دەسلەپكى ئىمتىھان ۋاقتى بېكىتىلدى
    ·بەش جۈپ قوشكېزەك نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىگە قوبۇل قىلىندى 
    ·دۆلىتىمىزنىڭ كەسپىي مائارىپ دۆلەت ئوقۇتۇش ئۆلچىمى سىستېمىسىنىڭ رامكىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندى
    ·ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يېزىلاردا يېڭىدىن سېلىنغان 4408 يەسلى قۇرۇلۇشى ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇپ بېرىلدى