باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۇتاشما ئالاھىدە نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇشتا قولغا كەلگەن نەتىجىلەر

2017.09.13 14:44         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەمدى تەنتەنىلىك ۋەدە ــ مىللىي رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خاتىرىسى ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك خەۋەرنىڭ تۇتاشما ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇشتا قولغا كەلگەن نەتىجىلەر دېگەن ئىككىنچى قىسمىنى ئاڭلىتىمىز.

  2013-يىلى 11-ئايدا جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ ۋۇلىڭشەن تاغلىق رايونىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان خۇنەن ئۆلكىسى شىياڭشى تۇجيازۇ، مياۋزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا خىزمەتلەرنى تەكشۈردى، شۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشتە شى جىنپىڭ نامراتلارنى دەل يۆلەشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، نامراتلارنى يۆلەشنىڭ قۇرۇق شوئارغا ئايلىنىپ قالماسلىقى، نىشاننىمۇ بەك يۇقىرى بېكىتىۋالماسلىقىنى تەكىتلىدى.

  بۇ يىل مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ئېچىلىش ئالدىدا باش شۇجى شى جىنپىڭ خىزمەت تەكشۈرگەن شىبادوڭ كەنتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلغانلىقى ھەققىدە خۇش خەۋەر تارقالدى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، خۇنەن ئۆلكىسى شياڭشى ئاپتونوم ئوبلاستلىق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تيەن لەن مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوبلاستىمىزدا نامراتلارنى دەل يۆلەشنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىكەن، نامراتلارنى دەل يۆلەش ئەلۋەتتە بىر چوڭ ئىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

  ۋۇلىڭشەن رايونى خۇبېي، خۇنەن، چۇڭچىڭ، گۇيجۇدىن ئىبارەت تۆت ئۆلكە مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنى ھالقىپ ئۆتكەن، كونا ئىنقىلابىي تايانچ بازا رايونلار، مىللىي رايونلار ۋە نامرات رايونلار بىرگەۋدىلەشكەن رايون، مۇشۇنداق تۇتاشما ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار رايوندىن ئېلىمىزدە 14ئى بار، مەركەزنىڭ مەركەزلىك تۇتاشما ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار رايونلارنى يېڭى باسقۇچتا نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئاساسى جەڭ مەيدانى قىلىشتەك ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە دۆلەتنىڭ رايونلار تەرەققىياتى ھەققىدىكى ئومۇمىي پىلانىغا ئاساسەن ۋۇلىڭشەن رايونى تەرەققىياتى ۋە نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سىناق خىزمىتىنى باشلامچىلىق بىلەن باشلاپ، مەملىكەت بويىچە باشقا تۇتاشما ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار رايونلارغا ئۈلگە بولۇش قارار قىلىندى.

  ۋۇلىڭشەن تېغىنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان گۈيجۇ ئۆلكىسى توڭرېن شەھىرى ۈپىڭ دۇڭزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىدە مايلىق كامىلىيە مەھسۇلاتى مول، يۈپىڭ مايلىق كامىلىيە ئىشلەپچىقىرىشىدا ئەڭ قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان مەزگىلدە داليەن مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى بايلىق ئۆسۈملۈكلىرى تەتقىقات ئورنىنىڭ پىروفېسسورى رۈەن چېڭجياڭ ۋە ئۇنىڭ پەن تېخنىكا ئەترىتى يۇپىڭ ناھىيەسىگە بېرىپ، يەردىن ئەۋرىشكە ئېلىپ سانلىق مەلۇمات ئارقىلىق تەھلىل قىلىدۇ.

  يۈپىڭ مايلىق كامىلىيە سانائەت باغچە رايونىنىڭ مەسئۇلى خۇاڭ جۈنفاڭ پىروفېسسور رۈەن چېڭجياڭ ۋە ئۇنىڭ پەن تېخنىكا ئەترىتى ھەققىدە توختالغاندا مىننەتدار بولغان ھالدا مۇنداق دېدى: مايلىق كامىلىيە چىقىدىغان بۇ جايدا 15مىڭدىن ئارتۇق كىشى بار، بۇ 4800دىن ئارتۇق ئائىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ، بۇنىڭ ئىچىدە 800 نەچچىسى نامرات ئائىلە، رۈەن پىروفېسسور بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن تۇنجى بولۇپ بىزنىڭ مايلىق كامىلىيە دەرىخى مەھسۇلات مىقدارنى ئاشۇرۇش مەسىلىمىزنى ھەل قىلىپ، ئىقتىسادى ئۈنۈمنى ئاشۇردى، ئىككىنچى بولۇپ مايلىق كامىلىيەنىڭ زىيانداش ھاشاراتنىڭ زىيىنىغا ئۇچراش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى، ئۈچىنچى بولۇپ، مايلىق كامىلىيە دەرىخىنىڭ يېڭى سورتنى يېتىشتۈردى، يەنە بۈ يەردىكى پۇقرالارنى تەربىيەلەپ، تېخنىكا ماھارىتىنى ئاشۇرۇپ، ئۆز ئىشلەپچىقىرىش قوشۇنىمىزنى قۇرۇشىمىزغا ياردەم بەردى.

  پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان بۈگۈنكى كۈندە توختىماي قىيىنچىلىققا جەڭ ئېلان قىلىش ئارقىلىق ئېلىمىزنىڭ تۇتاشما ئالاھىدە قىيىنچىلىقىا بار رايونلىرىنى نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا يېڭى غەلىبىلەر قولغا كەلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر