باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تىرامپ تۇنجى قېتىم زۇڭتۇڭلۇق سالاھىيىتى بىلەن 11- سېنتەبىر تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنىڭ 16 يىللىقى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى

2017.09.13 14:51         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا تاراتقۇلىرى مۇنداق دېدى: ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ بەش بۇرجەكلىك بىنادا ئۆتكۈزۈلگەن 11- سېنتەبىر تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتناشقاندا ئامېرىكىدا بۇندىن 16 يىل ئىلگىرى، تېررورچى ئۇنسۇرلار قىرغىن قىلغان كىشىلەرگە قايغۇرىمەن دېدى.

  ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ۋە 1- خانىم، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ماتتىس، كابىت ئەزالىرى ۋە بەش بۇرجەكلىك بىنادىكى ھەربىي خادىملار بىلەن بىرلىكتە، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى. تىرامپ ئەسەبىي ئۇنسۇرلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئامېرىكا قۇرقۇپ قالمايدۇ، ئامېرىكىلىقلارنى قورقۇتۇش خىيالىدا بولغانلار بىزنىڭ غەيرىتىمىزنى سىنىماقچى بولغا دۈشمەنلەر دېدى. بۇ تىرامپنىڭ تۇنجى قېتىم ئامېرىكىنىڭ زۇڭتۇڭلۇق سالاھىيىتى بىلەن 11- سېنتەبىر تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنىڭ 16 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىشى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر