- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئېلىمىز تۇپراقنىڭ چۆللىشىپ كېتىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالدى
2017.09.13 14:42 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
دۆلەتلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ دۇڭشىڭ 11-سېنتەبىر «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى چۆللىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەھدىنامىسى»نىڭ 13-قېتىملىق ئەھدىنامە تۈزگۈچى تەرەپلەر يىغىنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا: ئېلىمىز كۆپ يىللاردىن بۇيان، قۇملىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قۇمنى تىزگىنلەش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلدى، تۇپراقنىڭ چۆللىشىپ كېتىشى ئۈنۈملۈك تېزگىنللەندى، دېدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: ئېلىمىزدە چۆللىشىپ كەتكەن يەر كۆلىمى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئاخىرى ھەر يىلى 10مىڭ 40 كىۋادرات كىلومېتىر كېڭىيىشتىن ھازىر ھەر يىلى 2424 كىۋادرات كىلومېتىر ئازىيىشقا بۇرۇلۇش ياسىدى، قۇملىشىپ كەتكەن يەر كۆلىمى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئاخىرى ھەر يىلى 3436 كىۋادرات كىلومېتىر كېڭىيىشتىن ھەر يىلى 1980 كىۋادرات كىلومېتىر ئازىيىشقا بۇرۇلۇش ياسىدى، بۇنىڭ بىلەن قۇملۇق ئادەمنى چېكىندۈرۈشتىن بوستانلىق قۇملۇقنى چېكىندۈرۈشتەك تارىخى بۇرۇلۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: ئېلىمىز 2020-يىلغىچە %50تىن كۆپرەك تىزگىنلىگىلى بولىدىغان قۇملۇقنى تىزگىنلەيدۇ،2050-يىلغا بارغاندا تىزگىنلىگىلى بولىدىغان قۇملۇقنىڭ ھەممىسى تىزگىنلىنىپ بولىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر