باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگونىڭ سۈنئىي ھەمراھى كائىناتنى چاقناتتى

2017.09.13 14:46         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: چەكسىز ئالەمنىڭ سىرىنى يېشىش، ئالەم قاتنىشى ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئالەم ئىشلىرىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش بىزنىڭ بوشاشماس ئالەم ئىرادىمىز، 18-قۇرۇلتايدىن بۇيان جۇڭگو ئالەم قاتنىشى ئىشلىرىدا خەۋەرلىشىش سۈنئىي ھەمراھى، يىراقتىن سېزىش سۈنئىي ھەمراھى ۋە بوشلۇقتا ئىلمىي سىناق قىلىش سۈنئىي ھەمراھى قاتارلىق ساھەلەردە دۇنيا دەرىجىلىك نۇرغۇن بۆسۈشلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشىغا بەخت يارىتىش ۋە ئىنسانلار مەدەنىيلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتە جۇڭگو تۆھپىسى قوشتى.

  ئىلگىرى سىز مەيلى بوشلۇقتا ئۇچۇپ كېتىۋاتقان ئايروپىلان ياكى چەت يىراقتىكى قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىدە بولسۇن ئۆيىڭىزدىكىگە ئوخشاش بەخىرامان تورغا چىقالىشىڭىزنى ئويلاپ باققانمۇ؟ ھازىر جۇڭگونىڭ بىر سۈنئىي ھەمراھى دەل مۇشۇ نىشان ئۈچۈن كۈرەش قىلماقتا، ئېلىمىز ئۆزى مۇستەقىل تەتقىق قىلىپ ياسىغان ئېقىم مىقدارى يۇقىرى تۇنجى خەۋەرلىشىش سۈنئىي ھەمراھى ئەمەلىيەت 13-نومۇر، 20جىلىق خەۋەرلىشىش كەڭ بەلبېغىنى ئىشقا ئاشۇردى.

  شۇنىڭ بىلەن بىرگە جۇڭگونىڭ يەنە بىر سۈنئىي ھەمراھى ئىنسانلارنىڭ خەۋەرلىشىش ئۇسۇلىدا يەنە بىر ئىنقىلابنى قوزغىدى، بۇ يىل مۇزى ناملىق كىۋانت ئىلمىي تەجرىبە سۈنئىي ھەمراھى خەلقئارادا تۇنجى بولۇپ سۈنئىي ھەمراھتىن يەر يۈزىگە بولغان كىۋانت شىفىرلىق ئاچقۇچ ئايرىمىسى ۋە يەر يۈزىدىن سۈنئىي ھەمراھقا بارىدىغان كىۋانت كۆرۈنمەس يەتكۈزگۈچىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا ئاشۇرۇپ، كەلگۈسىدە يۇقىرى ئۈنۈملۈك، بىخەتەر بوشلۇق ۋە يەر كىۋانت خەۋەرلىشىش تورى بەرپا قىلىشقا مۇستەھكەم ئاساس سالدى.

  سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق ئالەم بوشلۇقىغا كىرگەن ھەمدە يەر شارىدا ئالدىدا مېڭىۋاتقان خەۋەرلىشىش تېخنىكىسىدىن باشقا يەنە ئېلىمىز تەتقىق قىلىپ ياسىغان دۇنيادىكى تۇنجى قاراڭغۇ ماددىلىق ۋۇكۇڭ ناملىق سۈنئىي ھەمراھ ئالەمدە كۆرۈنمەس قاراڭغۇ ماددىلارنى تېپىپ چىقىش ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە.

  ئەمدىلا قويۇپ ئوربىتىغا كىرگۈزۈلگەن پاراسەت كۆزى ناملىق قاتتىق X نۇرلۇق تېلېسكوپ سۈنئىي ھەمراھىمۇ ئالەمنىڭ بارلىققا كېلىش مەنبەيى قاتارلىق ئىنسانلارنىڭ بوشلۇق ئىزدىنىشىدىكى ئاخىرقى مەسىلىسىگە جاۋاب بېرىش ئۈچۈن ئىزدەنمەكتە.

  كەلگۈسى بەش يىلدا ئېلىمىز پەرقلەندۈرۈش دەرىجىسى يۇقىرى يەرنى كۆزىتىش سۈنئىي ھەمراھ تورىنى داۋاملىق بەرپا قىلىش ئارقىلىق چەتئەل كارخانىلىرىنىڭ ھازىرقى 0.5 مېتىرلىق پەرقلەندۈرۈش دەرىجىسىگە ئىگە سودا سۈنئىي ھەمراھى سانلىق مەلۇماتىدىكى مونوپولنى بۇزۇپ تاشلايدۇ.

  شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەتىكەن سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسى يەر شارىدا تورلاشتۇرۇلۇشقا باشلىدى، 2020-يىلىنىڭ ئالدى كەينىدە 35 سۈنئىي ھەمراھتىن تەركىب تاپقان ئورنىنى بېكىتىش تورى يەر يۈزىدىكى ئورنىنى بېكىتىشنىڭ توغرىلىق دەرىجىسىنى 1، 2 مېتىرغا يەتكۈزىدۇ، جۇڭگونىڭ بۇ سۈنئىي ھەمراھلىرى ئالەم بوشلۇقىدا ھەيۋەتلىك بىر يۇلتۇزلار خەرىتىسى بەرپا قىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر