باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى

يېڭىلىق يارىتىپ، ئىگىلىك تىكلەيدىغان جانلىق كۈچلەرنى يېتىشتۈرۈش

− پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى يېڭىلىق يارىتىپ، ئىگىلىك تىكلەش مائارىپى ئىسلاھاتى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان

2017.09.13 14:58         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياشلار دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ ئۈمىدى، يېڭىلىق يارىتىش جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ جېنى، ئىگىلىك تىكلەش ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنىڭ مۇھىم يولى. ياشلار، ئوقۇغۇچىلار تەسەۋۋۇر كۈچى ۋە ئىجادىي كۈچكە باي، ئۇلار يېڭىلىق يارىتىپ، ئىگىلىك تىكلەيدىغان جانلىق كۈچ.

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلىتىمىز ئالىي مەكتەپلەردە يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مائارىپى ئىسلاھاتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ئۆلچىمىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، ئوقۇتۇپ ئادەم تەربىيەلەش مېخانىزمىنى ئىسلاھ قىلىپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى ۋە ئىگىلىك تىكلەش ئەمەلىي مەشىقىنى كۈچەيتىپ، ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق يۆلەش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىپ، ئىگىلىك تىكلەش مائارىپىنى ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ئىجادچان دۆلەت قۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز ئىختىساسلىقلار ۋە ئەقلىي كۈچ تىرىكىگە ئىگە قىلدى.

  ئىستۇدېنتلار يېڭىلىق يارىتىپ، ئىگىلىك تىكلەيدىغان ئاساسىي كۈچكە ئايلاندى

  «OFO» سېرىق ۋېلىسىپىت شىركىتى يېقىنقى 2 يىلدا تېزلا ھەممىگە تونۇشلۇق ھەمبەھىر ۋېلىسىپىت كارخانىسىغا ئايلاندى. بۇ يىل 3- ئايدا، «OFO» شىركىتى 4- قېتىم تەخمىنەن 3 مىليارد 100 مىليون يۈەن مەبلەغ يۈرۈشتۈرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ ۋاقىتتا، بۇ شىركەتنىڭ قۇرۇلغىنىغا ئەمدىلا 3 يىل بولغان، بۇ ياش شىركەتنىڭ قۇرغۇچىسى، قوشۇمچە لىدېرى، 20- ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدا تۇغۇلغان دەي ۋېينىڭ بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتكۈزگىنىگە ئەمدىلا 1 يىلدىن ئاشقانىدى.

  دەي ۋېي تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن مۇنداق دېدى: بىز دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىدىغان شىركەتكە ئايلىنىپ، دۇنيانىڭ جاي- جايلىرىدىكى خېرىدارلارنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا داۋاملىق قولايلىق مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن تىرىشىمىز.

  ئېلىمىزدە دەي ۋېيگە ئوخشاش يېڭىلىق يارىتىپ، ئىگىلىك تىكلەش قىزغىنلىقى يۇقىرى ياشلار نەچچە يۈزمىڭغا يېتىدۇ.

  MYCOS تەتقىقات يۇرتى جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى بىلەن بىرلىشىپ ئېلان قىلغان «جۇڭگودىكى ئىستۇدېنتلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات»تىكى مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، يېقىنقى 5 يىلدىن بۇيان، جۇڭگودىكى ئىستۇدېنتلارنىڭ مەكتەپ پۈتكۈزۈپلا ئىگىلىك تىكلەش نىسبىتى 2011- يىلىدىكى %1.6تىن 2017- يىلى %3كە ئۆسۈپ، 1 ھەسسىگە يېقىن كۆپەيگەن. 2017- يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن 7 مىليون 950 مىڭ ئوقۇغۇچىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى بويىچە ھېسابلىغاندا، 2017- يىلى ئىگىلىك تىكلىگەن ئىستۇدېنتلار 200 مىڭدىن ئاشقان.

  بۈگۈنكى كۈندە، كۈچلۈك ياشلىق ئارزۇسىنى ئۇلۇغ جۇڭگو ئارزۇسىغا سىڭدۈرىدىغان ياشلار بارغانسېرى كۆپىيىپ، يېڭىلىق يارىتىپ، ئىگىلىك تىكلەيدىغان ئاساسىي كۈچكە ئايلىنىۋاتىدۇ. ئۇدا 3 يىل ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو«ئالاقە تورى +» ئىستۇدېنتلار يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقىسىدە، تىزىمغا ئالدۇرغان تۈر ئالدىنقى نۆۋەتلىك مۇسابىقىدىكىدىن 3 ھەسسە، قاتنىشىدىغان ئادەم سانىمۇ 2 ھەسسە ئاشتى. 2017- يىلىدىكى 3- نۆۋەتلىك مۇسابىقىگە قاتناشقان ئالىي مەكتەپ 2241گە، كوللېكتىپ تىزىملاتقان تۈر 370 مىڭغا يېتىپ، قاتناشقان ئوقۇغۇچى 1 مىليون 500 مىڭدىن ئاشتى.

  يېڭىلىق يارىتىش دەرسخانىدىن باشلاندى

  يېڭىلىق يارىتىپ، ئىگىلىك تىكلەش ساپاسى ۋە ماھارىتى مەكتەپنىڭ تەربىيەلىشى ۋە يېتەكلىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. شىئەن ئېلېكتىرون پەن- تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، مەكتەپ مۇدىرى، ئاكادېمىك جېڭ شياۋجىڭ مۇنداق دېدى: مەكتەپ تەربىيەسى ئارقىلىق بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش روھى ۋە ئىگىلىك تىكلەش ئېڭىنى قوزغىتىشىمىز كېرەك. يېڭىلىق يارىتىپ، ئىگىلىك تىكلەش مائارىپىنى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشتىكى پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈشىمىز كېرەك.

  شىئەن ئېلېكتىرون پەن- تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئېڭى، يېڭىلىق يارىتىش روھى ۋە ئىگىلىك تىكلەش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، مەكتەپ، ئىنستىتۇت، سىنىپ بىرلىشىپ يېڭىلىق يارىتىش بوشلۇقى بەرپا قىلىپ، «2- نەتىجە جەدۋىلى»، «ئوقۇش نومۇرىنى بېكىتىش ۋە ئالماشتۇرۇش چارىسى»، «ئېلاستىكىلىق ئوقۇش يىل چەكلىمىسى تۈزۈمى» قاتارلىق باشقۇرۇش مېخانىزملىرىنى تەسىس قىلدى.

  «دەرسخانا + ئەمەلىي مەشىق»تىن ئىبارەت يېڭىلىق يارىتىپ، ئىگىلىك تىكلەش دەرس سىستېمىسى مەملىكىتىمىزدىكى نۇرغۇن ئالىي مەكتەپلەردە ئومۇملاشتۇرۇلۇپ، «ئىگىلىك تىكلەشنىڭ ئاساسى»، «ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكچىلىك قىلىش» قاتارلىق دەرسلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى، خاسلىققا ئىگە يېڭىلىق يارىتىپ، ئىگىلىك تىكلەش مائارىپى سىستېمىسى شەكىللىنىشكە باشلىدى. دەرسلەردىكى ئۆزگىرىش ئوقۇتقۇچىلاردىكى ئۆزگىرىشكە تۈرتكە بولدى.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاش ئۈچۈن، مەخسۇس «ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەكشۈرۈپ باھالاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر» نى تارقاتتى، ئالىي مەكتەپلەرمۇ ئوقۇتۇشنى باشقۇرۇش ۋە ئوقۇتقۇچىلارنى تەكشۈرۈپ باھالاش ھۆججەتلىرىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئارقىلىق، ئوقۇتقۇچىلارنى ئوقۇتۇش ۋە باھالاش شەكلىنى ئۆزگەرتىشكە رىغبەتلەندۈردى، كەسپىي ئوقۇتقۇچىلارنى ئوقۇتۇش مېتودى بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، كەسپىي ئوقۇتقۇچىلارنى كىرگۈزۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت ئورنىدىن ئايرىلىپ، تەتقىقات نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇشى ياكى ئىگىلىك تىكلەشكە قاتنىشىشىنى قوللىدى.

  2016- يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، مەملىكىتىمىزنىڭ جاي- جايلىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە يېڭىلىق يارىتىپ، ئىگىلىك تىكلەش مائارىپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مەخسۇس ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سانى 26 مىڭدىن، قوشۇمچە يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سانى 76 مىڭدىن ئاشقان. ئۆلكە دەرىجىلىك مائارىپ تارماقلىرى ۋە ئالىي مەكتەپلەر نامزات كۆرسىتىش ئاساسىدا، مائارىپ مىنىستىرلىقى دەسلەپكى قەدەمدە «مەملىكەت بويىچە يېڭىلىق يارىتىپ، ئىگىلىك تىكلەشتىكى 10 مىڭ مۇنەۋۋەر يېتەكچى ۋە ئىختىساسلىقلار ئامبىرى»نى قۇرۇشقا باشلىغان، 5000غا يېقىن مۇتەخەسسىس بۇ ئامبارغا كىرگۈزۈلگەن.

  ئىجادىيەتكە تېز تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن سۇپا قۇرۇلدى

  ئىجادىيەت ئارزۇسىنى ئىگىلىك تىكلەش نەتىجىسىگە ئايلاندۇرۇشتا «ئوقۇغۇچىلار ئۆگىنىش، ئوقۇتقۇچىلار ئۆگىتىش»تىن سىرت، ئۇنى يېتىلدۈرىدىغان ياخشى سۇپا بولۇشى كېرەك.

  دۆلىتىمىز ئىستۇدېنتلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەپ، يېڭىلىق يارىتىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن يېقىنقى 2 يىلدا 2 تۈركۈمگە بۆلۈپ، 19 ئالىي مەكتەپتە دۆلەت يېڭىلىق يارىتىپ، ئىگىلىك تىكلەش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى قۇردى. چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنى مىسالغا ئالساق، كۆلىمى 16 مىڭ 500 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان «چىڭخۇا iCenter» دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ يېڭىلىق ياراتقۇچىلار بوشلۇقىغا ئايلاندى، ئۇ ھەر يىلى 3000 ئوقۇغۇچىنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ، ئىگىلىك تىكلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللايدۇ.

  ئىگىلىك تىكلەش فوندىمۇ نۇرغۇن ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بايلىقنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىستۇدېنتلارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىنى قوللايدىغان مۇھىم ئامىل بولۇپ قالدى. سىچۈەن ئۇنىۋېرسىتېتى «5 مىليارد +» يۈرۈشلۈك يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش فوندى تەسىس قىلدى ھەم جۇڭگو سودا- سانائەت بانكىسى سىچۈەن ئۆلكىلىك شۆبە بانكىسى بىلەن بىرلىكتە 12 مىليارد يۈەنلىك «سىچۈەن ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ، ئىگىلىك تىكلەش قەرز پۇل خەۋپ- خەتەر تولۇقلىما فوندى» قاتارلىقلارنى تەسىس قىلىپ، ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ، ئىگىلىك تىكلىشىنى قوللىدى.

  پەن- تېخنىكا باغچىسى ۋە يەرلىك ئىگىلىك تىكلەش سۇپىسى بولغاچقا، ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ، ئىگىلىك تىكلىشى تېخىمۇ ئوڭۇشلۇق بولدى، ئۇلار ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئەقىل- پاراسىتى ۋە كۈچىنى بېغىشلىدى.

  شەندۇڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەن- تېخنىكا باغچىسىغا 100گە يېقىن كارخانا ئورۇنلاشقان، زور بىر تۈركۈم پەن- تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتى بۇ باغچىدا ئەمەلىي نەتىجىگە ئايلىنىپ، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ شەندۇڭ ئۇنىۋېرسىتېتى «لۇنېڭ» شىركىتى، شەندۇڭ ئۇنىۋېرسىتېتى «خۇاتې» شىركىتى، شەندۇڭ ئۇنىۋېرسىتېتى «ئاۋتەي» شىركىتى، شەندۇڭ ئۇنىۋېرسىتېتى «خۇاتيەن» شىركىتى، شەندۇڭ ئۇنىۋېرسىتېتى «دىۋېي» شىركىتى قاتارلىق داڭلىق ماركىلىق يۇقىرى پەن- تېخنىكىلىق كارخانىلارنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ تېخنىكا تەرەققىياتى ۋە يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرغان «1 + 8 شەھەر چەمبىرىكى» تېخنىكا يۆتكەش مەركىزى خۇبېي ئۆلكىسى ۋە ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ كەسپىي ئالاھىدىلىكى ۋە كەلگۈسى كەسپىي تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە بىرلەشتۈرۈپ، شەھەر چەمبىرىكى يىرىك پىلانىنى كەسپىي تەرەققىيات نىشانى توغرىسىدىكى تەكلىپ ۋە تېخنىكا تەرەققىيات ئېھتىياجى بىلەن تەمىنلىدى.

  يۇرت- ماكانىغا رىشتە باغلاپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالىدىغان، يېڭىلىق يارىتىپ، ئىگىلىك تىكلەيدىغان يېڭى بىر ئەۋلاد ئاساسىي قوشۇن ئۆسۈپ يېتىلىۋاتىدۇ.

  2014- يىلى جېجياڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتكۈزگەن، «خۇيچې» پەن- تېخنىكا شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى يى خاۋشياڭ مۇنداق دېدى: دەسلەپ ئىگىلىك تىكلىگەندە قىزغىنلىققىلا تايىنىپ، تېخنىكىنى مەھسۇلاتقا ئايلاندۇرۇشنىلا ئويلىغانىدىم. نەزەر دائىرەمنىڭ كېڭىيىشى ھەم ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، مەھسۇلاتىمنىڭ جەمئىيەتنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرۈپ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ياخشىلىشىنى ئارزۇ قىلىدىغان بولدۇم. مانا بۇ يېڭىلىق يارىتىپ، ئىگىلىك تىكلەش مائارىپى بىز ياشلاردا پەيدا قىلغان ئۆزگىرىش، شۇنداقلا يېڭىلىق يارىتىپ، ئىگىلىك تىكلەش مائارىپىنىڭ بىزدە ئەكس ئەتتۈرگەن دەۋر ساداسى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر