باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئافغانىستان ۋەزىيىتىدە يېقىندا ئۆزگىرىش بولۇشقا باشلىدى

2017.09.30 14:37         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئافغانىستان ۋەزىيىتىدە يېقىندا ئۆزگىرىش بولۇشقا باشلىدى، بۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئافغانىستاننىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىغا بولغان ئەندىشىسىنى ۋە كەلگۈسى ۋەزىيىتىگە بولغان گۇمانىنى قوزغىدى. يېقىندا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئافغانىستان مەسىلىسىنى توغرىسىدىكى دوكلات لايىھەسىنى ئاڭلاپ، سىياسىي جەھەتتە سۆزلىشىش ئافغانىستان مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىن بىر چېقىش يولى دەپ ھېسابلىدى.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى يېقىندا ئافغانىستاننىڭ ئەڭ يېڭى ۋەزىيىتى توغرىسىدا دوكلات يىغىنى ئۆتكۈزدى، باش كاتىپنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى قوشۇمچە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستانغا ياردەم بېرىش ئۆمىكىنىڭ باشلىقى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە سۆز قىلغاندا مۇنداق دېدى: ئافغانىستاننىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى يەنىلا كىشىلەر ئىزچىل تۈردە دىققەت قىلىۋاتقان مەسىلە بولماقتا. تالىبان ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ سۆھبەتلىشىش مۇراجىتىنى داۋاملىق رەت قىلماقتا، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىلى ئىراق ۋە لىۋىيەدىكى ئىسلام دۆلىتىنىڭ ئافغانىستاننىڭ شەرقىي ۋە شىمالىدىكى ھەرىكىتى ئەۋج ئىلىپ، ئافغانىستاننىڭ ۋەزىيىتى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشمەكتە.

  ئۇ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، ئافغانىستاننىڭ بىخەتەرلىك پىلانى 2020- يىلدىن ئىلگىرى ئافغانىستان ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ يېتەرلىك كۈچى بىلەن يېقىندا تالىبان قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرنى ئوڭشاشقا مەركەزلەشتى. بىراق، نۆۋەتتىكى توقۇنۇشتا كېلىپ چىققان ئۆلۈم يېتىم سەۋىيەسىدىن قارىغاندا، 2020- يىلدىن ئىلگىرى، نەچچە ئون مىڭ ئافغانىستانلىق بۇ مەيدان توقۇنۇشتا قازا قىلىشى مۇمكىن.

  جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن ۋەكىلى باش ئەلچى ۋۇ خەيتاۋ يىغىندا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ئافغانىستاننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقى ئافغانىستان خەلقىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە بېرىپ چېتىلىدۇ، رايون بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقى، تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. جۇڭگو، ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەتنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش، مىللەتنىڭ يارىشىشىنى ئىلگىرى سۇرۇش، ئىقتىسادى تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش جەھەتتىكى تىرىشچانلىقىغا ئاپىرىن ئېيتىدۇ، ئافغانىستاننىڭ قوشنىلىرى ۋە رايون ئەللىرىنىڭ ئافغانىستان مەسىلىسىدە مۇھىم رول ئوينىشىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئافغانىستان سىياسىي، ئىقتىساد ۋە بىخەتەرلىك ساھەلىدە يەنىلا كۆپلىگەن خىرىسلارغا يولۇقماقتا. ئافغانىستاننىڭ بۇ خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، خەلقئارا جەمئىيەت داۋاملىق قەتئىي قوللىشى كېرەك.

  1-: تىنچلىقنى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاش ئافغانىستاننىڭ دۆلەتنى قايتىدىن قۇرۇش ۋە ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئاساسى. خەلقئارا جەمئىيەت ئافغانىستان بىخەتەرلىك قىسىمىنىڭ ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى، ئافغانىستاننىڭ ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولغان ھالدا مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، تېررورلۇققا، دۆلەت ھالقىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈش ۋە زەھەر ئەتكەسچىلىكى قاتارلىق تەھدىتلەرگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇشىنى داۋاملىق قوللىشى كېرەك. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىقلار ئافغانىستاننىڭ تېررورلۇققا زەربە بېرىشدە ئىجابىي رول ئوينىدى، خەلقئارا جەمئىيەت ئافغانىستاندىكى تېررورچى كۈچلەرگە زەربە بېرىش جەھەتتە ماسلىشىپ ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

  2-: سىياسىي جەھەتتە سۆزلىشىش ئافغانىستان مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىن بىر چىقىش يولى. ئافغانىستاندىكى ھەر قايسى تەرەپلەر دۆلەتنىڭ كەلگۈسى مەنپەئەتىنى ۋە خەلقنىڭ بەختىنى ئەلا بىلىپ، تىنچ يارىشىش مۇساپىسىگە پائال قاتنىشىشى كېرەك. خەلقئارا جەمئىيەت ئافغانىستانلىقلار ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولغان، ئافغانىستانلىقلار قاتناشقان كەڭ قۇرساق بولغان سىياسىي جەھەتتە يارىشىشىغا داۋاملىق تۈرتكە بولۇپ، ئافغانىستاندىكى ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ تىنچلىق سۆھبىتىنى تېزدىن باشلىشىنى ئىلگىرى سۇرۇپ، ئالاقىدار رايون ئەللىرى ۋە ئالاقىدار مېخانىزملارنىڭ بۇنىڭغا ياردەم بېرىشىنى قارشى ئېلىشى كېرەك.

  3-: تۈزەشنى كۈچەيتىش ئافغانىستاننىڭ تىنچلىقى ۋە قايتا قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنىڭ مۇھىم كاپالىتى. ئافغانىستاننىڭ ئىشلىرىغا تېگى تەكتىدىن ئېيتقاندا ئافغانىستانلىقلار ئىگە بولۇشى كېرەك. ئافغانىستاندىكى ھەر قايسى سىياسىي گۇرۇھلار ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىپ، ئىختىلاپلارنى سۆزلىشىش ۋە كېڭىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىشى كېرەك. خەلقئارا جەمئىيەت ئافغانىستان خەلقىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي تۈزۈمى ۋە تەرەققىيات يولىنى ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولغان ھالدا تاللاش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشى، ھەمدە ئافغانىستاننىڭ دۆلەت تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ۋە كونكرېت ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشىگە قاراتمىلىقى بولغان ھالدا ياردەم بېرىشى كېرەك.

  4-: رايون تەرەققىياتىغا قاتناشتۇرۇش، ئافغانىستاننىڭ تىنچلىقى ۋە قايتا قۇرۇشنىڭ مۇھىم كاپالىتى. خەلقئارا جەمئىيەت ئافغانىستانغا ياردەم بېرىش جەھەتتە بەرگەن ۋەدىلىرىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئافغانىستاننىڭ ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشىنى قوللىشى كېرەك. ئافغانىستان بايلىق ۋە رايون ئۈستۈنلۈكىگە ئىگە بولۇپ، رايون ھەمكارلىقىغا قاتنىشىش ئىستىقبالى كەڭ. خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2344- نومۇرلۇق قارارى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئالاقىدار قارارلىرىدىكى كۆرسەتمىلەر بويىچە ھەر قايسى تەرەپلەر ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپكە ئېرىشىش روھىنى ئىنسانىيەتلىك تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، بىر بەلباغ بىر يول تەشەببۇسى قاتارلىقلار ئارقىلىق ئافغانىستاننىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتى ۋە رايون ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  جۇڭگو، باش كاتىپنىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2344- نومۇرلۇق قارارىغا ئاساسەن خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە سۇنغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستانغا ياردەم بېرىش ئۆمىكىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك قاراپ چىقىش دوكلاتىغا دىققەت قىلدى. ھەمدە ئىستراتېگىيەلىك قاراپ چىقىشىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن ئالدىن يولغا قويۇلىدىغان خىزمەتلەرنىڭ يەنىمۇ جەزىملەشتۈرۈلۈشىنى، بايلىقنى تەقسىم قىلىشنى سەرخىللاشتۇرۇپ، باشقۇرۇش تەرتىپىنى ياخشىلاپ، مۇرەككەپ ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستانغا ياردەم بېرىش ئۆمىكىنىڭ خىزمەتلىرىگە ئاپىرىن ئېيتىدۇ، ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، يېتەكچىلىك ھوقۇقى ۋە ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىپ، سىياسىي جەھەتتە تىنچ يارىشىش مۇساپىسىگە داۋاملىق تۈرتكە بولۇپ، ئافغانىستاننىڭ ئىقتىسادى قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۇرۇپ، ئافغانىستاننىڭ مۇقىملىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ياردەم بېرىش، مىللىي يارىشىشىنى ئىلگىرى سۇرۇش، ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋە ئىقتىسادى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۇرۇش جەھەتتە ئىجابىي رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو ئافغانىستانغا ياردەم بېرىش ئۆمىكىنىڭ خىزمىتىنى داۋاملىق قوللايدۇ.

  ۋۇ خەيتاۋ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئىزچىل تۈردە، ئافغانىستاننىڭ تىنچ يارىشىش مۇساپىسىدا ئىجابىي رول ئويناپ كەلمەكتە. يېقىندا، جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى ئافغانىستان ۋە پاكىستاندا زىيارەتتە بولدى. ئۇچ تەرەپ، جۇڭگو، ئافغانىستان ۋە پاكىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرىنىڭ سۆزلىشىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ئافغانىستان، پاكىستان ، جۇڭگو ۋە ئامېرىكىدىن ئىبارەت تۆت تەرەپنىڭ ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسىنى قايتىدىن ئىشقا كىرىشتۈرۈش ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىلەن ئافغانىستان ئالاقىدە گۇرۇپپىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قوللىدى. ئافغانىستان بىلەن پاكىستاننىڭ كىرىزىسىنى باشقۇرۇش ۋە كونترول قىلىش مېخانىزمىنى قۇرۇشقا قوشۇلدى. جۇڭگو، ئافغانىستاننىڭ بىخەتەرلىك ئىقتىدار قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىشىنى داۋاملىق قوللايدۇ، ئافغانىستاننىڭ ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشىنى داۋاملىق قوللايدۇ. بىز، خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە، ئافغانىستاننىڭ تىنچلىقى،مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنى بالدۇرراق ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ھارماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى خالايمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر