باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياۋروپادىكى ئۈچ چوڭ سايلام ئاياقلاشتى، ياۋروپانىڭ بىر گەۋدىلىشىشى قاياققا ماڭىدۇ؟

2017.09.30 14:35         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل رەھبەرلىكىدىكى پارتىيەلەر ئىتتىپاقى گېرمانىيە فېدىراتسىيە پارلامېنتى سايلىمىدا ئەڭ كۆپ ئاۋازغا ئېرىشتى، بۇنىڭ بىلەن بۇ يىل ياۋروپادىكى ئۈچ چوڭ سايلام، يەنى گوللاندىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە سايلاملىرى تولۇق ئاياقلىشىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىپەرەس پارتىيەلەر غەلىبە قازاندى.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: سايلام نەتىجىسىدىن قارىغاندا، ياۋروپانىڭ بىر گەۋدىلىشىشى چېكىنىش خەۋپى ۋاقتىنچە تۈگىگەن بولسىمۇ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ بىر گەۋدىلىشىشكە قانداق تۈرتكە بولۇشتىكى ئورتاق تونۇشى يېتەرلىك بولمىغاچقا، بىر گەۋدىلىشىش مۇساپىسى يەنىلا ئېغىر خىرىسلارغا دۇچكەلمەكتە.

  ئەمدىلا ئاياقلاشقان گېرمانىيە سايلىمى بۇ يىل گوللاندىيە، فىرانسىيەلەردىكى سايلامدىن كېيىن ياۋروپا سىياسىي سەھنىسىدىكى يەنە بىر مۇھىم ئىش، شۇڭا «ياۋروپا سايلام يىلى» دىكى ئەڭ مۇھىم پائالىيەت دەپ قارالغان. ئۇ گېرمانىيەنىڭ كەلگۈسى تۆت يىللىق يۈزلىنىشىنى بەلگىلەپلا قالماستىن، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ياۋروپانىڭ بىر گەۋدىلىشىش تەقدىرىگىمۇ مۇناسىۋەتلىك.

  ئىقتىسادنىڭ كۈچلۈك ئېشىشى ۋە خەلقنىڭ مۇقىملىققا بولغان ئومۇميۈزلۈك ئىنتىلىشى مېركېل رەھبەرلىكىدىكى پارتىيە ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ كۆپ ئاۋازغا ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولدى، ئەمما دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى، ئۇنىڭ ئاۋازغا ئېرىشىش نىسبىتى تۆت يىل بۇرۇنقى سايلامدىكى %41.5تىن بۇ قېتىم %33كە چۈشۈپ قالدى، شۇڭا بۇنى «پاجىئەلىك غەلىبە» دېيىشكە بولىدۇ.

  ئەشەددى ئوڭ قانات نارودنىك پارتىيە گېرمانىيە تاللاش پارتىيەسى %12.6 ئاۋازغا ئېرىشىپ، ئۈچىنچى چوڭ پارتىيەگە ئايلىنىپ، فېدىراتسىيە پارلامېنتىغا كىردى. ئۇندىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن گوللاندىيە ۋە فىرانسىيە سايلاملىرىدا، ئەشەددى ئوڭ قانات پارتىيەلەرنىڭ ئىپادىسىمۇ بۇرۇنقى سايلاملاردىكىدىن ئېشىپ كەتكەن ئىدى.

  بۇ يىل 3-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن گوللاندىيە پارلامېنتى 2-پالاتاسى، يەنى ئاۋام پالاتاسىنىڭ سايلىمىدا، باش ۋەزىر رۇتتى رەھبەرلىكىدىكى ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسى 150 ئورۇننىڭ 33 ىگە ئېرىشىپ، 1-چوڭ پارتىيەلىك ئورنىنى داۋاملىق ساقلاپ قالدى. ئەشەددىي ئوڭ قانات پارتىيە بولغان ھۆرىيەت پارتىيەسى ھاكىمىيەت ئورنىغا چىقالمىغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا 20 ئورۇنغا ئېرىشىپ، سايلامغا قاتناشقان پارتىيەلەر ئىچىدە 2-ئورۇندا تۇردى، ئۇنىڭ تەسىرىنىمۇ سەل چاغلاشقا بولمايدۇ.

  فىرانسىيە زۇڭتۇڭ سايلىمىدا، ئوتتۇرا ئېقىمدىكى ماكرون ئەشەددىي ئوڭ قانات رىقابەتچىسى مارىنا لېپېننى مەغلۇپ قىلىپ، فىرانسىيەنىڭ يېڭى زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلاندى. لېپېن گەرچە ئۇتتۇرۇپ قويغان بولسىمۇ، لېكىن 2-نۆۋەتلىك ئاۋاز بېرىشكە كىرەلىدى ھەم ئاخىرىدا %34 ئاۋازغا ئېرىشتى. بۇنى ئۇ 2012-يىلى تۇنجى قېتىم زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتناشقان چاغدا 2-نۆۋەتلىك ئاۋاز بېرىشكە كىرەلمىگەنلىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدىكى ئەشەددىي ئوڭ قانات پارتىيە بولغان خەلق فىرونتى بۇ قېتىم ئەينى چاغدىكىدىنمۇ كۆپ ئەلرايىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى.

  ياۋروپا ئىتتىپاقىغا، كۆچمەنلەرگە، ئىسلام دىنىغا قارشى تۇرۇش-گوللاندىيە ھۆرىيەت پارتىيەسى، فىرانسىيە خەلق فىرونتى، گېرمانىيە تاللاش پارتىيەسىنىڭ ئورتاقلىقى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى، مۇساپىرلار كىرىزىسى، ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشى قاتارلىق نۇرغۇن ئامىللارنىڭ گىرەلەشمە تەسىرىدە، بۇ پارتىيەلەر ئارقا-ئارقىدىن باش كۆتۈرۈپ، ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ سىياسىي سەھنىسىگە خېلى زور تەسىر كۆرسەتتى.

  تەھلىلچىلەر سايلام نەتىجىسىدىن قارىغاندا، گەرچە بىر گەۋدىلىشىش ياۋروپا دۆلەتلىرىدە كىشىلەرنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قارشى تۇرۇش ئىدىيەسى ۋە كۈچلىرى ۋاقتىنچە زور ئۈستۈنلۈككە ئېرىشەلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئەشەددىي ئوڭ قانات كۈچلەرنىڭ باش كۆتۈرۈشىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دادىل ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشى زۆرۈر بولۇپ قالدى دەپ كۆرسەتتى.

  جامائەتچىلىك ئومۇميۈزلۈك مۇنداق دەپ قارىدى: ئۈچ چوڭ سايلامنىڭ نەتىجىسى-ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مۇساپىسىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشىگە پايدىلىق، چۈنكى كەلگۈسىدىكى نەچچە يىلدا، گوللاندىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيەدىن ئىبارەت ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى بۇ مۇھىم دۆلەتلەردە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا يېقىن تۇرىدىغان پارتىيەلەر ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدۇ، پات ئارىدا گېرمانىيەنىڭ زۇڭلىلىقىنى 3-قېتىم ئۆتەيدىغان مېركىل ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رولچىسى دەپ قارالدى. لېكىن ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى نارودنىك كۈچلەر كۈچىيىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتى تەكشىسىز بولۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى يادرولۇق دۆلەتلەردە ئورتاق تونۇش يېتەرسىز بولغانلىقتىن، ياۋروپانى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىمۇ نۇرغۇن قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىدۇ.

  ياۋروپادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى نارودنىك پارتىيەلەر ئومۇميۈزلۈك ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قارشى تۇرۇش پوزىتسىيەسىنى تۇتتى. گېرمانىيە تاللاش پارتىيەسىنىڭ گېرمانىيە پارلامېنتىغا كىرىشى-مېركىلنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا يېقىن تۇرۇش لۇشيەنىگە كاشىلا تۇغدۇرۇشى، ھەتتا توسقۇنلۇق قىلىشى مۇمكىن. گوللاندىيە ۋە فىرانسىيەدىكى ئەشەددىي ئوڭ قانات پارتىيەلەرمۇ ئۆز ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا يېقىن تۇرۇش تەشەببۇسىغا جەزمەن خىرىس قىلىدۇ.

  ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ «يادرولۇق» ئەزالىرى بىلەن «چەتتىكى» ئەزالىرى ئارىسىدىكى زىددىيەت يېقىندىن بۇيان گەۋدىلىك بولدى. ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى بۇ يىل مارتتا ئېلان قىلغان ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كەلگۈسى ھەققىدىكى ئاق تاشلىق كىتابتا بەش خىل تەسەۋۋۇرنى ئوتتۇرغا قويغان، بۇنىڭ ئىچىدىكى «خالىغانلار كۆپىرەك ئىشلەش» تەسەۋۋۇرىدا خالايدىغان ئەزالارنىڭ بەزى ئالاھىدە ساھەلەردە بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا يەنى ئاتالمىش «ياۋرۇپانى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش» يولىغا يول قويۇلدى. «ياۋرۇپانى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش»-گېرمانىيە، فىرانسىيە، ئىتالىيە، ئىسپانىيە قاتارلىق ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ «يادرولۇق» ئەزالىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى، بىراق ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپادىكى «چەتتىكى» ئەزالىرىنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچرىدى. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ئۈچۈن، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى جونكېر سېنتەبىردە يىللىق «ئىتتىپاق ئەھۋالى ھەققىدە دوكلات» ئېلان قىلىپ، ئالتىنچى خىل تەسەۋۋۇر بولغان «ئەركىن، باراۋەر، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش» پىرىنسىپىنى ئاساس قىلىشنى ئوتتۇرغا قويدى. بۇنىڭ يەنە بىر مەنىسى ياۋروپا ئىتتىپاقى كەلگۈسىدە «ياۋروپانى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش» يولىدا ماڭمايدۇ دېگەنلىك.

  بۇنىڭدىن باشقا، ياۋروپانى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنىڭ «ماتورى» بولغان فىرانسىيە بىلەن گېرمانىيە ئارىسىدا بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدرۇۇش يۆنىلىشىدە ئىختىلاپ كۆرۈلدى. فىرانسىيە ياۋرۇ رايونىدا ئىسلاھادنى ئالدىن يولغا قويۇشنى تەشەببۇس قىلدى، گېرمانىيە بولسا ئورتاق مۇداپىئە ساھەسىدىكى قۇرۇلۇشقا تۈرتكە بولۇشقا ئالدىردى.

  خەۋەر قىلىنشىچە، فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون تۈنۈگۈن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىسلاھاتى ھەققىدە كونكىرت تەسەۋۋۇرنى ئېلان قىلغان، ئۇ ياۋرو رايونىدا خامچوت تەسىس قىلىش، ياۋرو رايونى مالىيە مىنىستىرى تەسىس قىلىش ھەمدە ئەزا دۆلەتلەرگە ياردەم بېرىدىغان ياۋرو رايونى پۇل فوندنى تەسىس قىلىش قاتارلىق تەكلىپلەرنى بەرگەن.

  ياۋروپا ئىتتىپاقى ئاقىللار ئامبىرى ياۋروپا تاشقى مۇناسىۋەت كومىتېتىنىڭ سىياسەت تەتقىقاتچىسى فىرانك مۇنداق دەپ قارىدى: گېرمانىيە تاللاش پارتىيەسى تەھدىد پەيدا قىلىش مۇمكىنچىلىكى بولغان ئەھۋالدا، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ فىرانسىيە ئوتتۇرغا قويغان ياۋرو رايونىنى ئىسلاھ قىلىش تەسەۋۋۇرىغا قوشۇلۇشى تەس، چۈنكى بۇ تەسەۋۋۇر گېرمانىيەگە ئەمەس بەلكى فىرانسىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ باشقا ئەزالىرىغا پايدىلىقتەك قىلىدۇ.

  شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولۇدۇكى، كەلگۈسىدە ياۋروپانى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مۇساپىسى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ «يادرولۇق» ئەزالىرى بىلەن «چەتتىكى» ئەزالىرىنىڭ كۈچ سىنىشىشىنىڭ نەتىجىسىگە باغلىق بولۇپلا قالماستىن يەنە فىرانسىيە بىلەن گېرمانىيە قاتارلىق «يادرولۇق» ئەزالارنىڭ سىياسەتنى ماسلاشتۇرۇشىغا باغلىق. يەنە كېلىپ ئەشەددىي ئوڭ قانات كۈچلەرنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۇنچە ئاسان ئەمەستەك قىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر