باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«شى جىنپىڭنىڭ سوتسىيالىستىك جەمئىيەت قۇرۇش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر» نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

2017.10.09 18:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى ھۆججەت تەتقىقات ئىشخانىسى تەھرىرلىگەن «شى جىنپىڭنىڭ سوتسىيالىستىك جەمئىيەت قۇرۇش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر» (خەنزۇچە نۇسخىسى) ناملىق كىتاب يېقىندا مەركىزىي ھۆججەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، مەملىكەت مىقياسىدا تارقىتىلدى.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خەلقنى مەركەز قىلىشتەك تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىگە ئۇيغۇنلاشتى، خەلقنىڭ پاراۋانلىقىنى ئاشۇرۇش، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى بارلىق خىزمەتنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىپ، ئىشنى خەلق ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىسىدىن باشلاپ، مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، كىرىم تەقسىماتى، ئىجتىمائىي كاپالەت، داۋالاش-ساقلىق ساقلاش قاتارلىق ھەر قايسى ساھەلەردىكى خەلق تۇرمۇشى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى. يولداش شى جىنپىڭنىڭ سوتسىيالىستىك جەمئىيەت قۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى ۋە جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇشىدا، خەلقنى ئاساس قىلىش، ئادەمنى ئاساس قىلىشتەك ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، ئەڭ كۆپ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئەتىنى ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئاشۇرۇش، ياخشى قوغداش ۋە ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا، تەرەققىياتتا خەلقنى كۆزلەش، تەرەققىياتتا خەلققە تايىنىش، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن خەلقنى ئورتاق بەھرىمان قىلىشتا، ئوقۇيدىغانلار ئوقۇيالايدىغان، ئىشلىگەنلەر ھەق ئالالايدىغان، كېسەل بولغانلار داۋالىنالايدىغان، ياشانغانلار كۈتۈنەلەيدىغان ۋە ئۆيى يوقلار ئۆيدە ئولتۇرالايدىغان بولۇش جەھەتتە داۋاملىق يېڭى ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىشتا، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىشتا ئىنتايىن مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر