خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9-ئاينىڭ 26-كۈنى بېيجىڭدىكى دۆلەت يىغىن مەركىزىدە خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتىنىڭ 86-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم «ھەمكارلىشىش، يېڭىلىق يارىتىش، قانۇن ئىدارە قىلىش، تەڭ پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قولمۇقول تۇتۇشۇپ، دۇنيا بىخەتەرلىكىنى تۈزەشنى قانات يايدۇرايلى» دېگەن تېمىدا ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى. ئۇ، جۇڭگونىڭ ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ھەم ئۇلارنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش ئاپپاراتلىرى، ھەرقايسى خەلقئارا تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىكتە ھەمكارلىشىش، يېڭىلىق يارىتىش، قانۇن ئىدارە قىلىش، تەڭ پايدا ئېلىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك بىخەتەر بولغان ئىنسانىيەت تەغدىرداش ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق قۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
سائەت 9 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ يىغىن مەيدانىغا كىرگەندە، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.
ھۆرمەت قاراۋۇللىرى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بايرىقى ھەم خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتىنىڭ بايرىقىنى كۆتۈرۈپ مەيدانغا كىرگەندە، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرى ۋە خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتىنىڭ مارشى ئورۇندالدى.
شى جىنپىڭ قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە مۇھىم نۇتۇق سۆزلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتى قۇرۇلغان يۈز يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان، ئۆزئارا ئىشىنىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، دۇنيا بىخەتەرلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسى قىلىپ، دۇنيانى تېخىمۇ بىخەتەر قىلىش ئىدىيەسىگە ئەمەل قىلىپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت ساقچىلىرىنىڭ ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەش، خەلقئارا قانۇن ئىجرا قىلىش، بىخەتەرلىك جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جىنايەتلەرگە ئورتاق زەربە بېرىشتە ئاجايىپ مۇھىم رول ئوينىدى. جۇڭگونىڭ خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتىدىكى قانۇنلۇق ئورنى 1984-يىلى ئەسلىگە كەلگەندىن بۇيان، خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتىنىڭ ئومۇمىي مىزانى ھەم نىزامنامىسىگە ئەمەل قىلىپ، خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتى ۋە ئۇنىڭغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ساقچىلىرى بىلەن قانۇن ئىجرا قىلىش ۋە بىخەتەرلىك جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۇنيانىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشقا تۆھپە قوشتى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىرقى دۇنيادا، بىخەتەرلىك مەسىلىسىنىڭ باغلىنىشچان بولۇش، دۆلەت ھالقىش، كۆپ خىل بولۇش خاراكتېرى تېخىمۇ گەۋدىلىنىۋاتىدۇ. بىخەتەرلىك مەسىلىسى ئىنسانلارنىڭ كەلگۈسى تەغدىرىگە بېرىپ تاقىلىدىغان زور مەسىلە. تىنچلىق ۋە تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئاۋۋال بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىقنى قوغداش كېرەك. بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىق بولمىسا، تىنچلىق ۋە تەرەققىياتتىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ. جۇڭگو ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ھەم ئۇلارنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش ئاپپاراتلىرى ۋە ھەرقايسى خەلقئارا تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىكتە ھەمكارلىشىش، يېڭىلىق يارىتىش، قانۇن ئىدارە قىلىش، تەڭ پايدا ئېلىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ساقچى ئىشلىرى ۋە بىخەتەرلىك جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئومۇميۈزلۈك بىخەتەر بولغان ئىنسانىيەت تەغدىرداش ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق قۇرۇشنى خالايدۇ.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق گېزىتى