شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى كېرىيە ناھىيەسىدە ئولتۇرۇشلۇق توختىخان قۇربان (سولدىن 2-كىشى) ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە (9-ئاينىڭ 14-كۈنى تارتىلغان).
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئارزۇ كۈچنى مۇجەسسەملەيدۇ، ئىتتىپاقلىق كېلەچەكنى يارىتىدۇ. 18- قۇرۇلتايدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مىللەتلەر خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بىر قاتار مۇھىم تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى ئىشلىرىغا ئالغا بېسىش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى.
بەش يىلدىن بۇيان، ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالدى. ئۇ ئارقا-ئارقىدىن كادىرلار، ئامما ئارىسىغا چۆكۈپ، ئەلرايىنى بىلىپ، ئەلرايىنى ئىگىلىدى، مىللەتلەر خىزمىتىگە كونكرېت تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، چوڭقۇر ئۈمىد باغلىدى.
كۈز مول ھوسۇلغا سىمۋول قىلىنىدۇ. خۇشال كۈلكىلەر، گۈزەل ھېكايىلەر پۈتۈن دۇنياغا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى ئىشلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز مول نەتىجىلەرگە ئېرىشكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى