خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9-ئاينىڭ 29-كۈنى، جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزىدىن لىققىدە بېسىلغان يۈك بىلەن ئاستا-ئاستا چىقماقتا. شۇ كۈنى سائەت 17دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە، لىق يۈك بېسىلغان بىر پويىز __ جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزىدىن ئاستا ھەيدەپ چىقىلىپ، شىنجاڭ قورغاس پورتى، قازاقىستان، رۇسيەدىن ئۆتۈپ، لاتۋىيەنىڭ رىگا پورتىدا دېڭىز تىرانسپورتى ئارقىلىق گوللاندىيەنىڭ روتتېردام پورتىغا يېتىپ بېرىشتىكى ئون مىڭ چاقىرىملىق مۇساپىسىنى باشلىدى. بۇ، شىنجاڭ بىلەن قازاقىستان ئىككى تەرەپ تۆمۈريول تارماقلىرى بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ ئاچقان جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ ئەڭ يېڭى بىر تۆمۈر يول - دېڭىز يولى بىرلەشمە تىرانسپورت لىنىيەسى بولۇپ قالدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى