باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئېلىمىزنىڭ ئالىي مائارىپ بويىچە تەربىيەلىنىش ئومۇمىي كۆلىمى دۇنيا بويىچە 1-ئورۇنغا ئۆتتى

2017.09.29 16:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 9-ئاينىڭ 28-كۈنى مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئۇقۇشىچە، ئېلىمىز دۆلەت مالىيە خاراكتېرلىك مائارىپ خىراجىتىنىڭ GDP دا ئىگىلىگەن نىسبىتى 2012-يىلدىن 2016-يىلغىچە ئۇدا بەش يىل %4تىن ئېشىپ، بەش يىلدا 13 تىرىليون 500 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، 1952-يىلدىن 2011-يىلىغىچە 60 يىلدا سېلىنغان مەبلەغ ئومۇمىي سېلىنمىسىدىن ئېشىپ كەتكەن.

  2016-يىلى، ئېلىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك، ھەر تۈرلۈك مەكتەپلەر 512 مىڭغا، ھەر دەرىجىلىك، ھەر خىل ئوقۇش تارىخى مائارىپى بويىچە مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار 265 مىليونغا، ئوقۇش تارىخى مائارىپىدىن سىرت تەربىيەلىنىشكە تىزىملاتقانلار 53 مىليون 255 مىڭغا يەتكەن.

  مەكتەپكە كىرىشتىن ئىلگىرىكى ئۈچ يىلدا يەسلىگە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى %77.4كە يېتىپ، بەش يىلدا 12.9 پىرسەنت پوئېنت ئېشىپ، «دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتى يىرىك پىلانى پىروگراممىسى (2010-يىلدىن 2020-يىلغىچە)»دا ئوتتۇرىغا قويۇلغان 2020-يىلغىچە %70كە يەتكۈزۈش نىشان-ۋەزىپىسىنى مۇددەتتىن بۇرۇن تاماملىغان، شۇنداقلا ئوتتۇرا-يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتلەرنىڭ %73.7لىك ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن ئېشىپ كەتكەن. 2016-يىلى، ئېلىمىزنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپ يېشىدىكى بالىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىش ساپ نىسبىتى %99.92كە، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكىلەرنىڭ مەكتەپكە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى %104.0كە يېتىپ، يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتلەرنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن ئېشىپ كەتكەن ياكى تەڭلەشكەن. توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ مۇستەھكەملىنىش نىسبىتى %93.4كە يېتىپ، توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش سەۋىيەسى دۇنيادىكى يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتلەرنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن ئېشىپ كەتكەن.

  ئالىي مائارىپ بويىچە تەربىيەلىنىش ئومۇمىي كۆلىمى 36 مىليون 990 مىڭ كىشىگە يېتىپ، 2012-يىلدىكىدىن 3 مىليون 738 مىڭ كىشى ئېشىپ، %11.2 ئاشقان، دۇنيادىكى ئالىي مائارىپ بويىچە تەربىيەلىنىش ئومۇمىي كۆلىمىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %20گە يېتىپ، دۇنيادىكى ئالىي مائارىپ بويىچە بىرىنچى چوڭ دۆلەتكە ئايلانغان؛ ئالىي مائارىپ بويىچە مەكتەپكە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى %42.7كە يېتىپ، 2012-يىلدىكىدىن 12.7 پىرسەنت پوئېنت ئېشىپ، «دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتى يىرىك پىلانى پىروگراممىسى (2010-يىلدىن 2020-يىلغىچە)» دا بېكىتىلگەن %40 نىشاننى مۇددەتتىن بۇرۇن تاماملاپ، خەلقئارا ئېتىراپ قىلىدىغان ئالىي مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش باسقۇچىغا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە. ئۇنىڭدىن باشقا، بىر قىسىم يۇقىرى سەۋىيەلىك ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ خەلقئارا ئىلىم تىزىملىكىدىكى ئورنى ئۈزلۈكسىز ئالدىغا سۈرۈلۈپ، 2012-يىلدىن 2016-يىلغىچە ESI (ئاساسىي ئىلىم-پەن كۆرسەتكۈچى سانلىق مەلۇمات ئامبىرى)نىڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان %1لىك پەن سانى 279دىن 770كە يېتىپ، پەنلىرى ESI نىڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىغان %1 لىك ئۇنىۋېرسىتېتلار قاتارىغا كىرگىنى 91دىن 192گە يەتكەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر