خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 25-سېنتەبىر، قۇرۇلۇش ئىشچىلىرى «غەربى قوش تاشيولى» قورغاس پورتى بىرلەشمە تەكشۈرۈش بۆلىكىدە قۇرۇلۇش ئېلىپ بارماقتا. 2008-يىلى، جۇڭگو بىلەن قازاقىستان بىرلىكتە «ياۋروپانىڭ غەربىدىن جۇڭگونىڭ غەربىگىچە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى» (قىسقارتىپ «غەربى قوش تاشيولى» دەپ ئاتىلىدۇ) تۈرىنى قوزغاتتى ۋە بۇ تۈردە قۇرۇلۇش باشلاندى. بۇ تاشيول شەرقتە جياڭسۇ ئۆلكىسى ليەنيۈنگاڭ پورتىدىن باشلىنىپ، قورغاس پورتىدىن ئۆتۈپ، قازاقىستانغا كىرىپ، ئاخىرىدا رۇسىيەنىڭ سانت-پېتربۇرگغا بارغاندىن كېيىن، ياۋروپا تاشيولى تورىغا ئۇلىنىدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى سەككىز مىڭ 445 كىلومېتىر. 218-نومۇرلۇق دۆلەت تاشيولى قورغاس پورتى بۆلىكى قۇرۇلۇشى «غەرب قوش تاشيولى»نىڭ مۇھىم قاتناش تۈگۈنى بولۇپ، شەرقتە قورغاس پورتى جەنۇبى بىرلەشمە تەكشۈرۈش رايونىدىن باشلىنىپ، «ليەنيۈنگاڭ-قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى» قورغاس ئۆتۈشمە سىترولۇق كۆۋرۈكىگە بارغاندا ئاخىرلىشىدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 10 كىلومېتىر 200 مېتىر بولۇپ، 10-ئاينىڭ ئاخىرىدا قۇرۇلۇش تاماملىنىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى