باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا چاۋشيەنگە ئۇرۇش ئېلان قىلغانلىقىنى ئىنكار قىلدى

2017.09.26 15:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا ئاق ساراي 25-سېنتەبىر ئامېرىكىنىڭ چاۋشيەنگە ئۇرۇش ئېلان قىلمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ئاقساراي باياناتچىسى ساندېرس شۇ كۈنى قەرەللىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا: ئامېرىكا چاۋشيەنگە ئۇرۇش ئېلان قىلمىدى، ئامېرىكىنى چاۋشيەنگە ئۇرۇش ئېلان قىلدى، دەپ ئويلاش «بىمەنىلىك»، دېدى.

  ساندېرس مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئامېرىكا تەرەپنىڭ چاۋشيەن يېرىم ئارىلى يادرو مەسىلىسىدىكى نىشانىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى، يەنىلا داۋاملىق تىنچلىق ئارقىلىق يېرىم ئارالنى يادروسىزلاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئىستەيدۇ. ساندېرس يەنە: ئامېرىكا تەرەپ نۆۋەتتە ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئەڭ زور ئىقتىسادىي بېسىم ۋە دىپلوماتىك بېسىم ئارقىلىق، بۇ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە، دېدى.

  چاۋشىيەن دىپلوماتىيە ۋەزىرى لى يوڭخاۋ شۇ كۈنى نيۇ يوركتا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ ئالدى بىلەن چاۋشيەنگە ئۇرۇش ئېلان قىلغانلىقىنى پۈتۈن دۇنيا چوقۇم ئېنىق ئېسىدە تۇتۇشى كېرەك، چاۋشيەن ئۆزىنىڭ ھاۋا تەۋەلىكى سىرتىدا ئۇچۇۋاتقان ئامېرىكىنىڭ بومباردىمانچى ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قايتۇرما زەربە بېرىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشقا ھوقۇقلۇق.

  ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 23-سېنتەبىر مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ نۇرغۇن ئىستراتېگىيەلىك بومباردىمانچى ئايروپىلانلىرى شۇ كۈنى كۈرەشچى ئايروپىلانلارنىڭ ھىمايىسىدە چاۋشيەننىڭ شەرقىدىكى دېڭىز ئۈستىدىن ئۇچۇپ ئۆتۈپ، بۇ ئەسىردىن بۇيان ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى يېتىپ بارغان كورېيە- چاۋشيەن ھەربىي ئىشلاردىن خالىي رايونىنىڭ ئەڭ شىمالىي چېتىدىن ئۆتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر