باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەكلىپ بويىچە ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى تېرىسا ماي بىلەن تېلېفونلاشتى

2017.09.26 13:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-سېنتەبىر بيېجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەكلىپ بويىچە 25-سېنتەبىر ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى تېرىسا ماي بىلەن تېلېفۇنلاشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: مەن باش ۋەزىر خانىم بىلەن 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلىرىنىڭ ھامبۇرگ باشلىقلار يىغىنىدا سۆھبەتلەشكەندە، جۇڭگو بىلەن ئەنگىلىيەنىڭ 21-ئەسىرگە يۈزلەنگەن دۇنيا بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئىستىراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ «ئالتۇن دەۋرى» نى داۋاملىق يارىتىشقا بىردەك قوشۇلغانىدۇق. بۇ يىل جۇڭگو بىلەن ئەنگلىيەنىڭ باش ئەلچى دەرىجىلىك دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ 45 يىللىقى، ئىككى تەرەپ يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ئالاقىسىنى ساقلاپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى مېخانىزملىق سۆزلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشى؛ جۇڭگو-ئەنگلىيە ئىقتىساد-سودا ۋە ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشى ۋە ھەمكارلىقىنىڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، ئىككى دۆلەتنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» رامكىسىدىكى تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىرىنى چوڭقۇر ئۇدۇللاشتۇرۇشى؛ دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى قوغداش جەھەتتە تېخىمۇ ماسلىشىشى كېرەك. گۈللەنگەن، مۇقىم، ئېچىۋېتىلگەن ئەنگلىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن، جۇڭگو ئەنگلىيە ۋە ياۋروپا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايدۇ.

  تېرىسا ماي مۇنداق دېدى: ئەنگلىيە جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ «ئالتۇن دەۋرى» چوڭ يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىككى دۆلەت يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىستىراتېگىيەلىك سۆزلىشىش، ئىقتىساد-سودىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، خەۋپسىزلىك، ئادىمىيەت ساھەسىدە ھەمراھلىق ھەمكارلىقىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ياۋروپا بىلەن جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر