باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئۈرۈمچىدىكى سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئىشچى-خىزمەتچىلەر 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ 33 دوختۇرخانىدا ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرتەلەيدۇ

2017.09.26 16:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئىشچى-خىزمەتچىلەر 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، بېكىتىلگەن 33 دوختۇرخانىدا ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرۈتەلەيدۇ، سالامەتلىك تەكشۈرۈتۈش تۈرلىرى توققۇز چوڭ تۈر، 72 كىچىك تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  25-سېنتەبىر، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر-بازارلاردىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش خىزمىتى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى ئىجتىمائىي كاپالەتتە خەلققە نەپ يەتكۈزۈش يېڭى سىياسەتلىرىنى يولغا قويغان، بەلگىلىمىدە بۇ يىل 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى شەھەر-بازار ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان ھەمدە سۇغۇرتىغا قاتنىشىش جەريانىدا كېسەلخانىدا يېتىپ داۋالىنىپ باقمىغىلى ئۇدا ئىككى يىل ۋە ئۇنىڭدىن ئارتۇق ۋاقىت بولغان شەھەر بازار ئىشچى-خىزمەتچىلىرى ۋە جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقان سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار (1-دەرىجىدىن 6-دەرىجىگىچە نەپىقە بېرىش ئوبېيكتى بۇنىڭ سىرتىدا) بېكىتىلگەن دوختۇرخانىلاردا ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرتەلەيدۇ، سالامەتلىك تەكشۈرۈتۈش ئۆلچىمى كىشى بېشىغا 600 يۈەنلىك ئۆلچەم بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىككى يىلدىن ئارتۇق كېسەلخانىدا يېتىپ باقمىغان ۋە سالامەتلىك تەكشۈرۈتۈشكە قاتنىشىپ باقمىغان كىشىلەر ھەر بىر يىل ۋاقىت ئاشسا، سالامەتلىك تەكشۈرۈتۈش ھەققىدە 200 يۈەن ئېشىپ بارىدۇ، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 1000 يۈەندى ئېشىپ كەتمەيدۇ. سالامەتلىك تەكشۈرۈتكەن ياكى كېسەلخانىدا يېتىپ داۋالانغاندىن كېيىن، ۋاقىت قايتىدىن ھېسابلىنىدۇ. 2017-يىلى كىشى بېشىغا 600 يۈەنلىك ئۆلچەم بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ، سالامەتلىك تەكشۈرۈتۈش ھەققى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاش فوندى تەرىپىدىن تۆلىنىلىدۇ.

  مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بېكىتىلگەن شەھەر-بازار ئىشچى خىزمەتچىلىرىنىڭ ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرۈتۈش تۈرلىرى ئىچىدىكى توققۇز چوڭ تۈر بولسا، ئادەتتىكى قائىدە بويىچە تەكشۈرۈش، بىيو-خىمىيەلىك تەكشۈرۈش، ئىممۇنىتېتلىق تەكشۈرۈش، يۈرەك ئېلېكتىر كاردىئۇگرامما، رەڭلىك ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى، تەسۋىر، ئاياللار بۆلۈم، CT، يادرو ماگنىت قاتارلىقلار ئىكەن.

  72 خىل كىچىك تەكشۈرۈش تۈرلىرى بولسا، دائىملىق قان تەكشۈرۈش، سۈيدۈك تەكشۈرۈش، تەرەتنى دائىملىق تەكشۈرۈش، جىگەر ئىقتىدارى يەتتە تۈرلۈك تەكشۈرۈش، بۆرەك خىزمىتى ئۈچ تۈرلۈك تەكشۈرۈش ، قان قەنتى، قاندىكى ماينى تۆت تۈرلۈك تەكشۈرۈش ، قان رېئولوگىيەسى، ب تىپلىق جىگەر ياللۇغىنى بەش تۈرلۈك تەكشۈرۈش ، ئۆسمىگە ئالاقىدار ئۆلچەش، ئەرلەر بۆلۈمى، بويۇن ئارتېرىيەسى، ئاياللار بۆلۈمى، راكقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر