باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

«جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن بەش يىل» تېمىسىدىكى چوڭ تىپلىق مۇۋەپپەقىيەت كۆرگەزمىسى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

ليۇ يۈنشەن باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى

2017.09.26 13:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن بەش يىل» تېمىسىدىكى چوڭ تىپلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ كۆرگەزمىخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ليۇ يۈنشەن سۆز قىلدى ۋە كۆرگەزمىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى.

  ليۇ يۈنشەن سۆزىدە مۇنداق دېدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بۈگۈنكى دۇنيا ۋە ھازىرقى جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ئىلمىي ئىگىلەپ، ئەمەلىيەتنىڭ تەلىپى ۋە خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ماسلىشىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ ئەسلى مەقسەتنى ئۇنۇتماي، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش ياساپ، تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئېچىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ياراتتى. بۇ نەتىجىلەر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدىن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى تەپەككۇرى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن كەلگەن. ئاممىنى چوڭقۇر قايىل قىلىدىغان كۈچلۈك يادرو، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكىلا بولىدىكەن پارتىيەمىز، دۆلىتىمىز كۈچ-قۇدرەتكە تولىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر