باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا 64 مىڭ 900 ئادەم (قېتىم) كۈتۈلمىگەن جىسمانىي زىيان سۇغۇرتا تۆلىمىگە ئېرىشتى

2017.09.25 16:54         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى: شىنجاڭدا 2016- يىلىنىڭ ئاخىرى كۈتۈلمىگەن جىسمانىي سۇغۇرتا تۈزۈمى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن بۇيان، ھازىرغىچە 64 مىڭ 900 سۇغۇرتىلانغۇچى (قېتىم) 298 مىليون يۈەن تۆلەمگە ئېرىشتى.

  مۇخبىرنىڭ 21- سېنتەبىر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئىجتىمائىي سۇغۇرتىدا ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ داۋالاپ قۇتقۇزۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، 2016- يىلى 25- ئۆكتەبىر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى «كۈتۈلمىگەن جىسمانىي زىيان سۇغۇرتىسى بەرپا قىلىش ۋە يولغا قويۇش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا جىسمانىي زىيان سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى بەرپا قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى داۋالاش سۇغۇرتا مەركىزىنىڭ مۇدىرى ياۋ بىننىڭ ئېيتىشىچە، كۈتۈلمىگەن جىسمانىي زىيان سۇغۇرتىسىنىڭ مەبلەغ غەملەش ئۆلچىمى بىر ئادەمنىڭ يىلىغا 10 يۈەن بويىچە ئىجرا قىلىنىدىغان بولۇپ، شەخسىيلەر ئۆزى يېنىدىن پۇل چىقارمايدىكەن. ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى كۈتۈلمىگەن جىسمانىي زىيان سۇغۇرتىسىغا بولغان تەشۋىقات ۋە نازارەتچىلىكنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، جايلارنىڭ تەشۋىقات سالمىقىنى ئاشۇرۇشىغا ۋاقتىدا ھەيدەكچىلىك قىلىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر