باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شەھەر دەرىجىلىك زاپاس گۆشلەر بازارغا سېلىنىدۇ

2017.09.25 13:58         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  25-سېنتەبىردىن 29-سېنتەبىرگىچە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 69 نۇقتىدا شەھەر دەرىجىلىك زاپاس گۆشلەر سېتىلىدۇ.

  مۇخبىرىمىزنىڭ 23-سېنتەبىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا ئىشلىرى (ئاشلىق ئىدارىسى) ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى دۆلەت بايرىمى، تاۋۇز چاغىنى مەزگىلىدە بازارنىڭ گۆش تۈرىدىكى ماللارغا بولغان ئېھتىياجىنى قامداپ، تازىلىقى بىخەتەر، باھاسى تۇراقلىق بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن 25-سېنتەبىردىن 29-سېنتەبىرگىچە ھەركۈنى سائەت 9:00 (بېيجىڭ ۋاقتى) دا زاپاس گۆشلەرنى بازارغا سالىدىكەن. يېڭى قوش گۆشىنىڭ ھەر كىلوگىرامى 35 يۈەندىن، كالا گۆشىنىڭ ھەر كىلوگىرامى 48 يۈەندىن، ئالتە بۆلەك قىلىپ سېتىلىدىغان توڭلىتىلغان قوي گۆشىنىڭ ھەر كىلوگىرامى 31 يۈەندىن، كالىنىڭ سان گۆشىنىڭ ھەر كىلوگىرامى 41 يۈەندىن سېتىلىدىكەن.

  شەھەر ئاھالىسى ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا ئىشلىرى ئىدارىسى تور بېكىتى (http://www.xjsw.gov.cn) غا چىقىپ كونكرېت سەپلەش نۇقتىلىرىنىڭ ئورنىنى بىلىۋالسا بولىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر