باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جاڭ گاۋلى 2017-يىللىق بىر بەلباغ، بىر يول تاراتقۇلار ھەمكارلىقى مۇنبىرىگە قاتناشقان چەتئەل ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى

2017.09.22 17:13         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گاۋلى تۈنۈگۈن خەلق سارىيىدا 2017-يىللىق بىر بەلباغ، بىر يول تاراتقۇلار ھەمكارلىقى مۇنبىرىگە قاتناشقان چەتئەل ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە كۆپچىلىك كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاپ بەردى.

  جاڭ گاۋلى مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان بىر بەلباغ، بىر يولنى بىرلىكتە قۇرۇش تەشەببۇسى ئىنسانىيەت تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتىكى مۇھىم ئىزدىنىش ۋە ئەمەلىيەت. بىز ھەمكارلىق ھەققىدىكى ئورتاق تونۇشلارنى مۇجەسسەملەپ، ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، بىر بەلباغ، بىر يولنى تىنچلىق، گۈللىنىش، ئېچىۋېتىش، يېڭىلىق يارىتىش، مەدەنىيلىك يولى قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، يىپەك يولى بويىدىكى دۆلەتلەر ۋە خەلققە تېخىمۇ بەخت يارىتىشىمىز كېرەك.

  جاڭ گاۋلى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: تاراتقۇلار ئەل قەلبىنى باغلايدىغان كۆۋرۈك، ۋاسىتە ۋە رۇجەك. ھەر قايسى دۆلەت تاراتقۇلىرى، ئاقىللار ئامبىرىنىڭ مۇنبەر سۇپىسىدىن ئوبدان پايدىلىنىپ، ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر قايسى دۆلەت خەلقىگە بىر بەلباغ، بىر يولنى بىرلىكتە قۇرۇشنىڭ مەزمۇنى ۋە يادرولۇق ئىدىيەسىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشەندۈرۈپ، بىر بەلباغ، بىر يولنى بىرلىكتە قۇرۇشنىڭ ئەلرايى ئاساسىنى پۇختىلاپ، جامائەت پىكرى مۇھىتى يارىتىپ، ئاقىللار ئامبىرى جەھەتتىن تىرەك بولۇشىنى قارشى ئالىمىز.

  چەتئەل ۋەكىللىرى بىردەك مۇنداق دەپ قارىدى: بىر بەلباغ، بىر يولنى بىرلىكتە قۇرۇش تەشەببۇسى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن، كەڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئىگە، ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشىغا پايدىلىق ياخشى مۇھىت يارىتىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر