باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئەدەبىيات خىزمەتچىلىرى كەسپىي ئەخلاق كومىتېتى قۇرۇلدى

2017.09.22 14:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئەدەبىيات خىزمەتچىلىرى كەسپىي ئەخلاق كومىتېتى بۈگۈن بېيجىڭدا قۇرۇلدى. جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى تيې نىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى. يىغىنغا جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىسى چيەن شياۋچيەن رىياسەتچىلىك قىلدى.

  جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئەدەبىيات خىزمەتچىلىرى كەسپىي ئەخلاق كومىتېتى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار قانۇن-نىزامى ۋە «جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى نىزامنامىسى»، «جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەدەبىيات خىزمەتچىلىرى كەسپىي ئەخلاق كومىتېتى نىزامنامىسى» ۋە «جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئەدەبىيات خىزمەتچىلىرى كەسپىي ئەخلاق ئەھدىنامىسى»غا ئاساسەن، ئىچكى باشقۇرۇش ۋە تاشقى نازارەتچىلىكنى بىرلەشتۈرۈش، باشقىلارغا تەلەپچان بولۇش ۋە ئۆز ئارا بىرلەشكەن خىزمەت مېخانىزمىنى قۇرۇش، ھەيدەكچىلىك قىلىش، ھەمدە ئەدەبىيات خىزمەتچىلىرىدە سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، شۇ ئارقىلىق، ياخشى كەسپىي مۇھىت يارىتىش كېرەك.

  يىغىندا «جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئەدەبىيات خىزمەتچىلىرى كەسپىي ئەخلاق كومىتېتى نىزامنامىسى (لايىھە)» ۋە «جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئەدەبىيات خىزمەتچىلىرى كەسپىي ئەخلاق ئەھدىنامىسى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر