خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مېكسىكىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى مورېلوس ئىشتاتىدا 19-سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن 7.1 بال يەر تەۋرىدى، ھازىرغىچە ئاز دېگەندە 47 ئادەم قازا قىلدى. پايتەخت مېكسىكا شەھىرىدە تەۋرەش سېزىمى كۈچلۈك بولدى، بىر قىسىم كوچىلاردا توك توختاپ، ئايرودرومدا ۋاقتىنچە بارلىق نۆۋەتچى ئايروپىلانلار ئۇچۇشتىن توختىتىلدى.
مېكسىكا دۆلەتلىك يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئىدارىسىنىڭ ئېلان قىلغان خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يەر تەۋرەش شۇ يەر ۋاقتى سائەت 13تىن 14 مىنۇت ئۆتكەندە يۈز بەرگەن بولۇپ، تەۋرەش مەركىزى مورېلوس ئىشتاتى ئاكسوچىئاپان شەھىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا 12 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا بولۇپ، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 57 كىلومېتىر كېلىدۇ.
بۇ، مېكسىكىدىكى ئىككى ھەپتىدىن بۇيان يۈز بەرگەن 2-قېتىملىق قاتتىق يەر تەۋرەش بولۇپ، 7-سېنتەبىر كەچتە، مېكسىكىنىڭ چياپاس ئىشتاتىدىكى تونارانىڭ غەربىي جەنۇبىدىن 137 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى دېڭىز تەۋەسىدە 8.2 بال يەر تەۋرىگەن بولۇپ، ئاز دېگەندىمۇ توقۇز ئادەم قازا قىلغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى