باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە: خىزمەتنى قىزغىن سۆيىدىغانلارنىڭ تېنى تېخىمۇ ساغلام بولىدىكەن

2017.09.19 15:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۇزۇندىن بۇيان كىشىلەر، خىزمەتكە ھەددىدىن زىيادە بېرىلىپ كېتىش سالامەتلىككە زىيانلىق، دەپ قاراپ كەلگەن ئىدى. لېكىن ئەڭ يېڭى تەتقىقاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، خىزمەت مەستانىسى بولۇش سالامەتلىككە پايدىلىق ئىكەن. بۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى شۇكى، سىز ئۆزىڭىز شۇغۇللىنىۋاتقان كەسىپنى قىزغىن سۆيۈشىڭىز كېرەك ئىكەن.

  بۇ تەتقىقاتنى كانادا سىمون فرازېر ئۇنىۋېرسىتېتى بىدى سودا ئىنىستىتۇتى ۋە ئامېرىكا شىمالىي كارولىنا ئۇنىۋېرسىتېتى ھەمكارلىشىپ قانات يايدۇرغان بولۇپ، تەتقىقاتچىلار بىر چوڭ تىپتىكى دۆلەت ھالقىغان پۇل مۇئامىلە مەسلىھەتچىلىك شىركىتىدىكى 1277 نەپەر خادىمغا قارىتا سوئال قەغىزى تارقىتىپ تەكشۈرگەن، ھەمدە بۇنىڭ ئىچىدىكى 763 ئادەمنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە بىرلەشتۈرۈپ ئۇنىۋېرسال تەھلىل قىلغان. نەتىجىدە بايقىلىشىچە، خىزمەتنى قىزغىن سۆيىدىغان كىشىلەر ئۇزاق ۋاقىت ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىگەنلىكى ئۈچۈن تەن ساغلاملىقىدا ھەرگىزمۇ مەسىلە چىقمايدىكەن، بۇ نەتىجە ئىلگىرى ئاساسىي ئېقىم بولۇپ كېلىۋاتقان قاراشتىن، يەنى «خىزمەت ۋاقتىدىن ئاشۇرۇپ خىزمەت قىلىش خىزمەتچىلەرنى كۆپ ھەرىكەت قىلىش كېسىلىگە گىرىپتار قىلىپ قويۇپ، ئۇلارنى خامۇشلۇققا باشلايدۇ، بۇنىڭدىن ھەتتا ئۇزاق مۇددەت ئۇيقۇ يېتەرلىك بولماسلىق سەۋەبلىك يۈرەك كېسىلى پەيدا بولۇشى مۇمكىن» دەيدىغان قاراشتىن چوڭ پەرقلىنىدىكەن.

  باش تەتقىقاتچى، ھەمدە سىمون فرازېر ئۇنىۋېرسىتېتى سودا ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى برومىر ۋىستلېر خانىم مۇنداق دېدى: بىر ئىشقا قاتنىشىش تۇيغۇسى ھالقىلىق ئامىلدۇر. كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن خىزمەت ۋاقتىدىن ئاشۇرۇپ خىزمەت قىلغان خىزمەتچىلەر، يەنى بىر ئىشقا قاتنىشىش تۇيغۇسى بار كىشىلەردە ئادەتتە باش ئاغرىش، ئاشقازان قىسمى بىئارام بولۇش، يۈرەك كېسىلى ۋە دىئابىت كېسىلى قاتارلىق بېسىم بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان سالامەتلىك مەسىلىسى پەيدا بولمايدۇ. ئۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا، ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش سەۋەبىدىن يۈرەك كېسىلى ياكى دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئىشچى-خىزمەتچىلەر دەل خىزمەتلەرگە قاتنىشىش تۇيغۇسى ئوتتۇرىچە سەۋىيەدىن تۆۋەن بولغان خىزمەتچىلەردۇر. بۇنىڭدىن باشقا، ئۆز خىزمىتىنى قىزغىن سۆيىدىغانلار ئىچىدە، خىزمەت مەستانىلىرىنىڭ كېسەل بولۇش نىسبىتى خىزمەت مەستانىسى ئەمەسلەردىن تېخىمۇ تۆۋەن بولىدۇ.

  بۇ تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسەن، پروفېسسور برومىر ۋىستلېر خانىم تەكىتلەپ يەنە مۇنداق دېدى: ھەر بىر خىزمەتچى ئۆزىدىن، «مەن نېمە ئۈچۈن شۇنچە تىرىشىپ خىزمەت قىلىمەن؟» دەپ سورىشى كېرەك. «ئەگەر خىزمىتىنى قىزغىن سۆيسە، ئۇنداقتا دادىل ئىشلىسە بولىدۇ. ئەگەر خىزمىتىنى قىزغىن سۆيمىسە، ئۇنداقتا سالامەتلىككە دىققەت قىلىشى، ئەھۋالغا قاراپ ئۆزگەرتىشى كېرەك.»

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر