باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئېچىپ، ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 7-ئومۇمىي يىغىنىغا مۇزاكىرە قىلىشقا سۇنۇلىدىغان ھۆججەتلەرنى مۇھاكىمە قىلدى

2017.09.19 15:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 9-ئاينىڭ 18- كۈنى يىغىن ئېچىپ، پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 7-ئومۇمىي يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىشقا سۇنۇلىدىغان 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 19-قۇرۇلتىيىدا بېرىدىغان دوكلاتىنىڭ ئارگىنالى، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى (تۈزىتىلمىسى)»نىڭ دوكلاتى، 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 19-قۇرۇلتىيىدا بېرىدىغان خىزمەت دوكلاتىنىڭ ئارگىنالىنى مۇھاكىمە قىلدى، «بەش يىلدىن بۇيانقى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنى ئىزچىل ئىجرا قىلىشى ھەم بۇ ئارقىلىق پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە تۈرتكە بولۇش ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلاتى»غا قاراپ چىقتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا، 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 19-قۇرۇلتىيىدا بېرىدىغان دوكلاتىنىڭ ئارگىنالىغا پارتىيە ئىچى-سىرتىدا بەلگىلىك دائىرىدا پىكىر ئېلىش ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلات، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى (تۈزىتىلمىسى)»گە پارتىيە ئىچى-سىرتىدە بەلگىلىك دائىرىدە پىكىر ئېلىش ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلات، 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 19-قۇرۇلتىيىدا بېرىدىغان خىزمەت دوكلاتىنىڭ ئارگىنالىغا پىكىر ئېلىش ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، بۇ قېتىمقى يىغىندا مۇزاكىرە قىلىنغان پىكىرگە ئاساسەن تۈزىتىلگەندىن كېيىن، بۇ ئۈچ ھۆججەت ئارگىنالىنى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 7-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ مۇزاكىرىسىگە سۇنۇش قارار قىلىندى.

  يىغىندا مۇنداق قارالدى: بۇ قېتىمقى پىكىر ئېلىش جەريانىدا، جايلار، تارماقلار، ھەر قايسى تەرەپلەر ۋە پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلات ئارگىنالى ۋە پارتىيە نىزامنامىسىنىڭ تۈزىتىلمىسى ئارگىنالىغا نۇرغۇن ياخشى پىكىر-تەكلىپلەرنى بەردى، ھەر قايسى تەرەپلەر ئوتتۇرىغا قويغان پىكىر-تەكلىپلەرنى ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىپ ۋە قوبۇل قىلىپ، دېموكراتىيەنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى مۇجەسسەملەپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات تەلىپى، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتى، يېڭى ۋەزىپىلىرىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يىغىن دوكلاتىنى تېرىشىپ تەييارلاپ، پارتىيەنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئەمەلىي تەرەققىياتىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان دوكلاتنى، يېڭى ۋەزىيەتتىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ئۇلۇغ مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئېھتىياجلىق بولغان پارتىيە نىزامنامىسى تۈزىتىلمىسىنى تۈزۈپ چىقىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر