خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش بويىچە تەقدىرلەش يىغىنى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تەرەققىيات چىڭ قائىدە، مۇقىملىقىمۇ چىڭ قائىدە، تەرەققىياتنى، مۇقىملىقنى ئىككى قولدا چىڭ تۇتۇش كېرەك. جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك جەمئىيەت ئىدارە قىلىش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇشقا ماھىر بولۇپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنى سىستېمىلاشتۇرۇش، ئىلمىيلاشتۇرۇش، ئەقلىيلەشتۈرۈش، قانۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك جەمئىيەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشىشىغا، جەمئىيەتنىڭ تىنچ ۋە تەرتىپلىك بولۇشىغا، دۆلەتنىڭ ئۇزاققىچە ئەمىن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گاۋلى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
قىزغىن ئالقىش ساداسى ئىچىدە شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ ئاۋۋال پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن، تەقدىرلەنگەن ئىلغار كوللېكتىپلار ۋە ئىلغار شەخسلەرنى قىزغىن تەبرىكلىدى، ئېلىمىزنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش سېپىدە جاپالىق خىزمەت قىلىۋاتقان يولداشلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يولداشلار ئۆز خىزمەت ئورنۇڭلاردا جەمئىيەت ئىدارە قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىپ، تىنچ-ئامان جۇڭگو قۇرۇش ئۈچۈن گەۋدىلىك تۆھپە قوشتۇڭلار، سىلەر ئېلىمىزنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش سېپىدىكى ئۈلگىلەر، شۇنداقلا پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسى. ئىشىنىمەنكى، بۇ قېتىمقى تەقدىرلەش توغرا كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش سېپىدىكى كادىرلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى پارتىيە ۋە خەلق تاپشۇرغان زور مەسئۇلىيەت ۋە شەرەپلىك بۇرچنى تېخىمۇ ياخشى زىممىسىگە ئېلىشقا رىغبەتلەندۈرۈشتە زور تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي ئۆزگىرىشلەر بولۇپ، تارىخىي نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. بۇ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئورتاق تىرىشقانلىقىنىڭ نەتىجىسى، ئۇنىڭغا ئېلىمىزنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش سېپىدىكى كادىرلار ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە قان-تەرى سىڭگەن. بەش يىلدىن بۇيان، يولداشلار جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەزنى چۆرىدەش، ئومۇملۇققا مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بىر قولىدا بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىپ، مۇقىملىقنى قوغدىسا، بىر قولىدا ئاساس سېلىش، كەلگۈسىنى پىلانلاشنى تۇتۇپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ئىدىيەسى-تەپەككۇرىدا، تۈزۈلمە-مېخانىزمىدا، ئۇسۇل-ۋاسىتىسىدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا تەسىر يەتكۈزىدىغان زور بىر تۈركۈم گەۋدىلىك مەسىلىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىپ، ئاممىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ۋە رازىمەنلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇمىيلىقىنى قوغداش ئۈچۈن زور تۆھپە قوشتى، بۇ جەرياندا زور بىر تۈركۈم ئىلغار تىپلار مەيدانغا كەلدى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى