باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاۋات ناھىيەسىدە ئەل قەلبى ھەقىقىي مايىل قىلىندى

2017.10.09 17:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئاۋات ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئىشخانىسىدىن ھاۋاگۈل ئىمرەمزى) يېقىندا ئاۋات ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى يىغىن ئېچىپ، پاختا يىغىۋېلىش مەزگىلىدىكى ئەمگەك كۈچى يېتىشمەسلىك مەسلىسى، شۇنداقلا كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەقىقىي ھەل قىلىش ئۈچۈن، ناھىيە تەۋەسىدىكى بارلىق خىزمەتچىلەرنى 10-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە نۆۋەتلىشىپ يېزىغا چۈشۈپ، دېھقان-چارۋىچىلارغا ياردەم بىرىشكە چاقىرىق قىلدى. شۇنداقلا ناھىيەمىزنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدىكى ئاساسلىق رەھبەرلەر باشلامچىلىق بىلەن دېھقانلارغا ياردەم بىرىش ئەمگىكىنى قەرەللىك نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈپ تۇرۇشنى، ساختىلىق قىلىپ دېھقان-چارۋىچىلارغا يامان تەسىر بەرمەسلىكنى تەلەپ قىلدى.

  خەلق ھۆكۈمىتى ئىشخانىسى چاقىرىققا ئاكتىپلىق بىلەن ئاۋاز قۇشۇپ، بارلىق خىزمەتچىلەرگە يىغىن ئېچىپ، بايراملىق دەم ئېلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ ئاساسىي قاتلامدىكى ئەمگەك كۈچى يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن پاختا مەھسۇلاتىنىڭ تۆۋەنلەپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، «قوشماق تۇققان»لىرىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، ئۇلارغا پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ھەقىقىي ئىللىقلىقىنى ھېس قىلىدۇرش، خەلقنىڭ يۈكىنى ھەقىقىي يەڭگىللىتىشنى مەقسەت قىلغان بىر قېتىملىق ئەمگەك پائالىيىتى ئۇرۇنلاشتۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر