باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جېجياڭدا ئەمگەك ئىقتىدارى بار تۇرۇقلۇق ئەمگەك قىلىشنى رەت قىلغانلارنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى

2017.10.09 17:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جېجياڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى يېقىندا ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەسمىي بۇيرۇقىنى ئېلان قىلىپ، تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى «جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى چارىسى»نى تارقاتتى. مەزكۇر چارىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئەمگەك ئىقتىدارى بار تۇرۇقلۇق ئەمگەك قىلىشنى رەت قىلىش قاتارلىق تۆت خىل ئەھۋالدا ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى سالاھىيىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ.

  «چارە»دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئوبيېكتلىرىدا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ناھىيە (شەھەر، رايون)لۇق ھۆكۈمەتنىڭ خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى ئۇلارنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى سالاھىيىتىنى بىكار قىلىشى كېرەك: ئائىلە كىرىمى ۋە مال- مۈلۈك ئەھۋالى بەلگىلەنگەن شەرتكە ئۇيغۇن كەلمىسە؛ ئائىلە نوپۇسى، كىرىمى ۋە مال-مۈلۈك ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلسا؛ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئەمگەك ئىقتىدارى ۋە شارائىتى بار بولسىمۇ، ئالاقىدار تارماقلار تونۇشتۇرغان ئۆزىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى، ئەمگەك ئىقتىدارىغا ماس كەلگەن خىزمەتلەرنى ئورۇنسىز سەۋەبلەر بىلەن قوبۇل قىلىشنى كۆپ قېتىم رەت قىلسا؛ ئۆزىنىڭ كىرىم سەۋىيەسىگە ماس كەلمەيدىغان يۇقىرى ئىستېمال ھەرىكەتلىرى بار بولسا، ئۇلارنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ.

  جېجياڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى مۇنداق كۆرسەتتى: ناھىيە (شەھەر، رايون)لۇق ھۆكۈمەتلەرنىڭ خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى ۋە بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرى، مەھەللە كومىتېتلىرى بىر ئائىلىگە بىر ئارخىپ تۇرغۇزۇش تەلىپى بويىچە، ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئوبيېكتلىرىنىڭ ئارخىپىنى ئورنىتىش، ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئوبيېكتلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلىرىنى ۋاقتىدا يېڭىلاش كېرەك. ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئەمگەك ئىقتىدارى ۋە شارائىتى بار ئائىلىلەرگە قارىتا ھەر پەسىلدە ئاز دېگەندە بىر قېتىم قايتا قاراپ چىقىش ھەمدە قەرەللىك زىيارەت قىلىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر