باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پەلەستىنلىك ۋە ئىسرائىلىيەلىك نەچچە مىڭ ئايال نامايىش قىلىپ، تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى مۇراجىئەت قىلدى

2017.10.09 17:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پەلەستىنلىك ۋە ئىسرائىلىيەلىك نەچچە مىڭ ئايال 8-ئۆكتەبىر ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى جېرىكو شەھىرىدە نامايىش قىلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن زېمىنىگە بولغان ئىشغالىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ، ئىككى تەرەپ تىنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

  ئىسرائىلىيە ئاياللار ئىجتىمائىي پائالىيەتچىلىرى قوزغىغان بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە «تىنچلىقنى چاقىرىش» دەپ نام بېرىلدى. نامايىشچىلار قوللىرىغا «ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرايلى»، «تىنچلىق پەلەستىن- ئىسرائىلىيە ئىككى تەرەپنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تاللىشى» دېگەن خەتلەر يېزىلغان پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈشۈپ، جېرىكونىڭ شەرقىي جەنۇبىدىن يولغا چىقىپ، شەھەرنىڭ غول يولىنى بويلاپ ماڭدى.

  نامايىشچىلارغا يېزىلغان بىر پارچە خەتتە، پەلەستىن زۇڭتۇڭى ئابباس پەلەستىن- ئىسرائىلىيەنىڭ ئىككى تەرەپ تىنىچلىقىنى تاللاپ، سۆھبەت ئۈستىلىگە قايتىپ كېلىشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى ھەمدە «ئىككى دۆلەت لايىھەسى»نى كۆزلەش نۇقتىسى قىلىپ، 1967- يىلىدىكى چېگرا ئاساس قىلىنغان، شەرقىي يېرۇسالېم پايتەخت قىلىنغان مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇشنىڭ ئىككى تەرەپ خەلقنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى.

  پەلەستىن-ئىسرائىلىيە ئىككى تەرەپ 2013-يىلى 7-ئايدا، ئۈزۈلۈپ قالغىلى ئۈچ يىل بولغان تىنچلىق سۆھبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈردى، بىراق ئىككى تەرەپتە يەھۇدىيلار مەھەللىسى قۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەردە ئىختىلاپ ئېغىر بولغاچقا، تىنچلىق سۆھبىتى 2014-يىلى ئۈزۈلۈپ قېلىپ، ھازىرغىچە قايتا باشلانمىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر