باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

غۇلجا- كورلا- تيەنجىن ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى 2-نويابىردىن باشلاپ ئېچىلىدۇ

2017.10.09 18:00   مەنبە: خەلق تورى

غۇلجا- كورلا- تيەنجىن ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى 2-نويابىردىن باشلاپ ئېچىلىدۇ

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن باشلاپ، جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيە شىركىتى كورلا- غۇلجا- تيەنجىن ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى-سىرتىدىكى يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا قولايلىق يارىتىدۇ.

  10-ئاينىڭ 7-كۈنى، كورلا ئايرودرومى ئۇچۇر ئېلان قىلىپ، بۇ لىنىيەنىڭ نۆۋەتچى ئايروپىلان نومۇرىنىڭ CA8351\ CA8352ئىكەنلىكىنى، بوئىئېڭ B738 تىپلىق ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى، ھەر ھەپتىنىڭ سەيشەنبە، پەيشەنبە، شەنبە كۈنلىرى قاتنايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. CA8351 نۆۋەتچى ئايروپىلان تيەنجىندىن سائەت 9:00دا ئۇچۇپ، سائەت 13:35تە كورلىغا يېتىپ كېلىدۇ، بىر سائەت توختاپ، سائەت 14:35تە كورلىدىن ئۇچۇپ، سائەت 15:55تە غۇلجىغا يېتىپ كېلىدۇ؛ CA8352 نۆۋەتچى ئايروپىلان سائەت 16:45تە غۇلجىدىن ئۇچۇپ، سائەت 18:00تە كورلىغا يېتىپ كېلىدۇ، 50 مىنۇت توختىغاندىن كېيىن، سائەت 18:50تە كورلىدىن ئۇچۇپ، سائەت 22:50تە تيەنجىنگە يېتىپ بارىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئېلىمىزنىڭ ئالىي مائارىپ بويىچە تەربىيەلىنىش ئومۇمىي كۆلىمى دۇنيا بويىچە 1-ئو…
    ·ئارمىيەدىن ئىبارەت چوڭ سەھنىدە قابىلىيىتىڭلارنى جارى قىلدۇرۇپ، گازارمىدىن ئىبارەت چوڭ پېچتا پولاتتە…
    ·شىنجاڭ ئاساسىي قاتلام سىياسىي-قانۇن ئورگانلىرىغا 589 ئادەم تولۇقلاپ قوبۇل قىلىدۇ
    ·شىنجاڭدا ئۈچ يىل ئىچىدە 15 يىللىق مائارىپ ئاساسىي جەھەتتىن ئومۇملاشتۇرۇلىدۇ
    ·شىنجاڭدا 5000 مەمۇر ۋە ئوقۇتقۇچى مائارىپقا ياردەم بېرىشكە تاللاپ ئەۋەتىلىدۇ
    ·ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇنۋان ۋە باھالاش تۈزۈمى ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ
    ·گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشسىز قېلىشى…
    ·ئاپتونوم رايونىمىزدىن ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن 4000 ئوقۇغۇچى ئىچكىرىگە تەربىيەلىنىشكە تاللاپ ئەۋ…
    ·2018- يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بېرىشنىڭ دەسلەپكى ئىمتىھان ۋاقتى بېكىتىلدى
    ·بەش جۈپ قوشكېزەك نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىگە قوبۇل قىلىندى