باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گۇاڭجۇ تاموژنىسى تۈرگە ئايرىش تارماق مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچىسى گەن لۇ

جۇڭگو ساداسىنى تېخىمۇ ياڭرىتايلى

خەلق گېزىتى مۇخبىرى لو ئەيخۇا

2017.10.09 18:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «بىر تاۋار خەلقئارا سودىدا نورمال ئوبوروت قىلىنىش ئۈچۈن كودتىن ئايرىلالمايدۇ، ئۇ تاۋارنىڭ <كىملىكى>گە ئوخشايدۇ». ئۇ ئۆزى شۇغۇللىنىدىغان خىزمەتنى ئوبرازلىق ئوخشىتىش بىلەن چۈشەندۈردى.

  ئۇ مىسال ئېلىپ مۇنداق دېدى: شېنجېندىكى مەلۇم شىركەت ئىشلەپچىقارغان «يولۇچىلار ئايروپىلانغا چىقىش كۆۋرۈكى»نىڭ سېتىلىش مىقدارى 2006-يىلى دۇنيا بويىچە 1-ئورۇندا تۇراتتى، لېكىن 2012-يىلىدىن بۇرۇن ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ تاۋارنى تۈرگە ئايرىشى بىردەك بولماسلىق سەۋەبىدىن دائىم مەسىلە كۆرۈلۈپ، بەزى دۆلەتلەر ئۇنى «يۇقىرىغا چىقىش-چۈشۈش قۇرۇلمىسى تۈرى»گە كىرگۈزسە، بەزى دۆلەتلەر «باشقا مېخانىكىلىق قۇرۇلما تۈرى»گە كىرگۈزەتتى.

  گەن لۇ چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: ئوخشاشمىغان تۈردىكى تاۋارنىڭ ئوخشاشمىغان دۆلەتلەردىكى تاموژنا بېجى ۋە باشقۇرۇش سىياسىتى ئوخشاش بولمايدۇ، بۇ زور ئىقتىسادىي مەنپەئەتكە چېتىلىدۇ. پەقەت «يولۇچىلار ئايروپىلانغا چىقىش كۆۋرۈكى» دېگەن تارماق تۈرنى قوشقاندىلا، بۇ تاۋار ئۈستىدىكى تالاش-تارتىشنى تەلتۆكۈس يوقاتقىلى بولىدۇ.

  دۇنيا تاموژنا تەشكىلاتى ئېلان قىلغان «تاۋار نامى ۋە كودىنى ماسلاشتۇرۇش تۈزۈمى» (قىسقارتىلىپ «HS» ئاتىلىدۇ) ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ سودا، باج، كەسىپ، مۇھىت ئاسراش، ئىستاتىستىكا قاتارلىق بىر قاتار سىياسەت تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشتىكى ئاساسى. شۇڭا ھەر قېتىملىق ماسلاشتۇرۇش تۈزۈمى يىغىنىدا، ھەر قايسى دۆلەت ۋەكىللىرى قايسى تاۋارنى HSغا كىرگۈزۈپ كود بېرىش توغرىسىدا دائىم تالىشىپ قىزىرىشىپ قالىدۇ، ھەممىسى ئۆز دۆلىتىنىڭ مەنپەئەتىدىن چىقىش قىلىپ، ئۆزىگە پايدىلىق ماددىلارنى ئىمكانقەدەر كۆپرەك HSغا كىرگۈزۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا، گەن لۇ قاتناشقان جۇڭگو تاموژنىسى ۋەكىللەر ئۆمىكى جاپالىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، دەلىللەش ۋە ئاكتىپ پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ئاخىرى ھەر قايسى دۆلەت ۋەكىللىرىنى يېتەكلەپ قارالمىنى قاراپ چىقىشقا ئاۋاز قويۇشتا، 20∶4 نەتىجە بىلەن جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنى ماقۇللىدى. شۇنىڭ بىلەن ئېلىمىز ئېكسپورت قىلىدىغان «يولۇچىلار ئايروپىلانغا چىقىش كۆۋرۈكى» ئېنىق كودقا ئىگە بولۇپ، خەلقئارا بازاردا تېخىمۇ ئالقىشقا ئېرىشتى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر