باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەڭگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەڭگۇڭتىڭى «تەكشۈرۈپ باھالاش، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دورا-داۋالاش ئەسۋاب-ئۈسكۈنىلىرى كەسپىدە يېڭىلىق يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر» نى بېسىپ تارقاتتى

2017.10.09 18:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەڭگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەڭگۇڭتىڭى يېقىندا «تەكشۈرۈپ باھالاش، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دورا-داۋالاش ئەسۋاب-ئۈسكۈنىلىرى كەسپىدە يېڭىلىق يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر» نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، جايلار، تارماقلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇشى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى تەلەپ قىلدى.

  «تەكشۈرۈپ باھالاش، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دورا-داۋالاش ئەسۋاب-ئۈسكۈنىلىرى كەسپىدە يېڭىلىق يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر» نىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

  ھازىر مەملىكىتىمىزنىڭ دورا-داۋالاش ئەسۋاب-ئۈسكۈنىلىرى كەسپىنىڭ تەرەققىياتى تېز تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىگىلىك تىكلەش ئەۋجى ئېلىۋاتىدۇ، تەكشۈرۈپ باھالاش ۋە تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتى ئۆزلۈكسىز تېزلىشىۋاتىدۇ. لېكىن ئومۇملاشتۇرۇپ قارىغاندا، مەملىكىتىمىزنىڭ دورا-داۋالاش ئەسۋاب-ئۈسكۈنىلىرى پەن-تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش مەدىتى يېتەرلىك بولمايۋاتىدۇ، پېيى بازارغا سېلىنغان مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپىتىنى خەلقئارادىكى ئىلغار سەۋىيىگە سېلىشتۇرغاندا ھېلىھەم پەرق ساقلىنىۋاتىدۇ. دورا-داۋالاش ئەسۋاب-ئۈسكۈنىلىرى كەسپىنىڭ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشكە ۋە تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش، كەسپلەرنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش، ئاۋامنىڭ كېلىنىكا ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، تەكشۈرۈپ باھالاش، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دورا-داۋالاش ئەسۋاب-ئۈسكۈنىلىرى كەسپىدە يېڭىلىق يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش مەقسىتىدە تۆۋەندىكىدەك پىكىر تۈزۈپ چىقتۇق.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر