باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ھەسەنجان ھەققىدە ھېكايە

2017.10.09 17:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز توختى ئەرشىدىن خەۋىرى) ئىشقا ئورۇنلىشىش نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ بىر قىسىم كىشىلەر ئۈچۈن بۇنىڭ ئەھمىيىتى ئانچە چوڭ بولماسلىقى مۇمكىن، ئەمما ئاقسۇ شەھىرىنىڭ توپلۇق يېزىسى قاشبېشى كەنتىدىكى 21 ياشلىق ھەسەنجان تۇرسۇنغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئىشقا ئورۇنلىشىش بىر ئائىلىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىن دېرەك بېرىپلا قالماستىن، يەنە ئائىلە ئەزالىرىنى روھىي جەھەتتىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، مۇھىمى غۇرۇرى بىلەن ياشاشقا يول ھازىرلاشتىن دېرەك بېرىدۇ .

  9-ئاينىڭ 20-كۈنى، مۇخبىر ئاقسۇ شەھىرىنىڭ توپلۇق يېزىسى قاشبېشى كەنتىدىكى توقۇمىچىلىق بۇيۇملىرى تىككۈچىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپى - «ئالې» گۈللىنىش توقۇمچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ «سۈنئى ھەمراھ» تىككۈچىلىك زاۋۇتىدا زىيارەتتە بولۇش جەريانىدا، ئالدىراش ئىشلەۋاتقان ھەسەنجان تۇرسۇننى ئۇچراتتى. ئۇنىڭ تەقى-تۇرقى سەل ئۆزگىچىراق بولۇپ، دۈمچىيىپ ئولتۇرۇپ، ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن يۇڭ رەخىتتىن كېيىم تىكىۋاتاتتى. گەرچە ھەرىكىتى سەل ئاستىدەك قىلسىمۇ، ئەمما پۈتۈن دىققىتىنى يىغىپ، كۆڭۈل قويۇپ مەشغۇلات قىلىۋاتاتتى .

  ھەسەنجان ئائىلىسىدە بالىنىڭ چوڭى بولۇپ، سەككىز ياش چېغىدا مىنگىت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش سەۋەبىدىن، غول ئۇمۇرتقىسى غەيرى ئۆسۈپ قېلىپ، كۆپ ھەرەج تارتتى. ئائىلىسىگە قاراشلىق 18 مو يەر بولۇپ، ئاتا-ئانىسى تېرىقچىلىقتىن كەلگەن ئازغىنە كىرىم بىلەن ئۇنى كۆپ داۋالاتقان بولسىمۇ، داۋالاشنىڭ كۆپ ئۈنۈمى بولمىدى. ھەسەنجان گەرچە جىسمانىي جەھەتتە بېجىرىم بولمىسىمۇ، لېكىن ئەقلىي-ھوشى جايىدا ئىدى. ئۇ تىرىشىپ ئوقۇپ، تولۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئائىلە ئىقتىسادىنىڭ ئانچە ياخشى ئەمەسلىكىنى، تۆت بالىنى بېقىش، ئۇلارنى مەكتەپتە ئوقۇتۇش جەريانىدا ئاتا-ئانىسىنىڭ يۈكىنىڭ ئېغىرلاپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، ئاتا -ئانىسىغا يەنە ئېغىرچىلىقىنى سېلىشنى خالىماي، ئوقۇشتىن توختاپ قالدى. شۇنداق قىلىپ ئارىدىن ئالتە يىل ئۆتتى، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ھەسەنجاننىڭ دادىسى تۇرسۇن ئاۋۇتنىڭ غېمىمۇ ئاۋۇپ ماڭدى. ئۇ خوتۇنى بىلەن دائىم بۇ ئوغلىنىڭ تەقدىرىدىن ئەنسىرەپ:

  «ئوغلىمىز قۇرامىغا يەتكەن تۇرۇقلۇق ھەر كۈنى ئۆيدە بۇنداق بىكار يۈرسە، كەلگۈسىدە قانداق كۈن ئالار ؟ ئېتىز-ئېرىقنىڭ ئىشلىرى ئۇنىڭغا ئېغىر كېلىدۇ، بىرەر زاۋۇتقا ئورۇنلىشىپ يەڭگىلرەك بىر خىزمەت قىلغان بولسا بەلەن بولاتتى. لېكىن زاۋۇت غۇجايىنىلىرى ئۇنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرسە ئۇنى قوبۇل قىلماسلىقى مۇمكىن»، دېگەنلەرنى ئويلايتتى.

  بۇ يىل 2-ئايدا، ئاقسۇ توقۇمچىلىق سانائىتى شەھەرچىسى (جەنۇبىي سانائەت رايونى)دىكى كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى جى جۈنجيې كۆپچىلىككە كەنتتە بىر زاۋۇت قۇرماقچى بولغانلىقىنى ئۇقتۇردى. تۇرسۇن ئاۋۇت ئاكا كۆڭلىدە خۇش بولۇپ، ئوغلىنى سىناپ باقسىكەن، دېگەن خىيالغا كېلىپ ئويلىغانلىرىنى خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرگە ئېيتقاندا، جى جۈنجيې: __ كەنتتە زاۋۇت قۇرۇشتىكى مەقسەتمۇ ھەسەنجانغا ئوخشاش سىرتقا چىقىپ ئىشلىيەلمەيدىغانلارغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىش، __ دېدى تۇرسۇن ئاۋۇت ئاكىغا ئىلھام بېرىپ .

  بۇ خۇشخەۋەردىن تولىمۇ سۆيۈنگەن تۇرسۇن ئاۋۇت ئاكا ئۆيىدىكىلەرنى خەۋەرلەندۈرۈش ئۈچۈن ئۇچقاندەك ئۆيىگە كەلدى ۋە ئوغلىغا : __ «ئوغلۇم، پات ئارىدا سېنىڭمۇ خىزمىتىڭ بولىدىغان بولدى» __ دېدى .

  بۇ يىل 3-ئاينىڭ 8-كۈنى، ئاقسۇ توقۇمىچىلىق سانائىتى شەھەرچىسى (جەنۇبىي سانائەت رايونى)نىڭ ماسلاشتۇرۇپ 1 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىشنى قولغا كەلتۈرۈشى بىلەن قاشبېشى كەنتىدە «سۈنئىي ھەمراھ» تىككۈچىلىك زاۋۇتى قۇرۇلۇپ، 84 يۈرۈش يۇڭ كىيىم تىكىش زاۋۇتى قۇراشتۇرۇلدى .

  ھەسەنجان تۇرسۇن بۇ زاۋۇتقا كىرىپ ئىشلىگەن تۇنجى ئېيىدا يېڭى ئۆگەنچى بولغاچقا 600 يۈەن پىراكتىكا مائاشى ئالدى. ئۇ شۇ كۈنى ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتىش يولىدا، ھاياتىدىكى بىرىنچى قېتىملىق «ئىش ھەققى»نى چىڭ سىقىمدىغىنىچە، كۆڭلىدە ئۇزاققىچە ھاياجانلاندى .

  قاشبېشى كەنتىدە قۇرۇلغان تىككۈچىلىك زاۋۇتىنىڭ ئىش باشقۇرغۇچىسى رۇقىيەم ئەمەتنىياز ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يەردە ئىشلەۋاتقان 84 خادىمنىڭ يېرىمى دېگۈدەك نامرات ئائىلىلەردىن كەلگەنلەر بولۇپ، ھەر كۈنى سەككىز سائەتلىك خىزمەت تۈزۈمى بويىچە ئىشلەيدۇ، تىككەن كىيىمنىڭ سانىغا ئاساسەن ئىش ھەققى بېرىلىدۇ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەربىر خادىمنىڭ پىراكتىكا مەزگىلىدىن ئۆتكەندىن كىيىنكى ئىش ھەققى 2300 يۈەن ئەتراپىدا بولىدۇ .

  زىيارەت جەريانىدا، ھەسەنجان كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ، بىر خىل ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى بىلەن : «مەن ئىلگىرى زاۋۇت دېگەننى پەقەت چوڭ شەھەردىلا قۇرىدۇ، بىزدەك دېھقان بالىلىرىغا بىر ئۆمۈر دېھقان بولۇپ ئۆتمەكتىن باشقا يول يوق، دەپ ئويلاپتىكەنمەن، كەنتىمىزدە بۇ زاۋۇتنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن بىزدەك دېھقان بالىلىرى ئىشىك ئالدىمىزدىلا زاۋۇت ئىشچىلىرىغا ئايلىنىپ پۇل تاپالايدىغان بولدۇق، بۇنداق ياخشى ئىشنى بۇرۇن ئويلاشقىمۇ پېتىنالمايتتۇق، ھازىر ئۆزۈم پۇل تېپىپ خەجلىيەلەيدىغان بولغاندىن بىرى، ئۆزۈمنى چەكسىز بەختلىك ھېس قىلىمەن» دېدى .

  توپلۇق يېزىلىق ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالىتى ئورنىنىڭ باشلىقى گا ئېرمەننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان، توپلۇق يېزىسى تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق مەبلەغ جەلپ قىلىپ، ئىلگىرى ـكېيىن بولۇپ مېۋە ئۇيۇتمىسى زاۋۇتى، ماشىنىسازلىق زاۋۇتى، بىناكارلىق- قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى زاۋۇتى، ئەشيا ئوبوروت شىركىتى، دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى قاتارلىقلارنى قۇرۇپ، 1200دىن كۆپرەك دېھقاننى ئىشىكى ئالدىدىلا ئىش تېپىپ ئىشلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان، يەنە ئاز بولمىغان دېھقاننىڭ ئاقسۇ شەھىرىدىكى باشقا سانائەت رايونلىرىغا يۆتكىلىپ كەسىپ ئىشچىلىرىغا ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولغان .

  گا ئېرمەن مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە، يېزىمىزدا بىر پايپاق توقۇش زاۋۇتى قۇرۇلۇش ئالدىدا تۇرىدۇ، بۇ تۈر ئىشقا كىرىشسە، يېڭىدىن 500دىن ئارتۇق ئېشىنچا ئەمگەك كۈچىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە مۇقىم كىرىم قىلىش شارائىتىغا ئىگە قىلالايمىز».

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر