باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2017-يىللىق تاۋۇز چاغىنى ۋە دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش ئۇقتۇرۇشى

2017.09.21 16:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى، ھەر قايسى ئوبلاست، شەھەر، ناھىيە (شەھەر)لىك خەلق ھۆكۈمىتى، مەمۇرىي مەھكىمىلەر، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تارماقلىرى، بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار، ئالىي مەكتەپ، كەسپىي مەكتەپلەر، خەلق تەشكىلاتلىرى، مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ھەر قايسى ئورۇنلىرى:

  2017-يىللىق تاۋۇز چاغىنى ۋە دۆلەت بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا. گوۋۇيۈەن بەڭگۇڭتىڭى تارقاتقان [2016] 17-نومۇرلۇق «گوۋۇيۈەن بەڭگۇڭتىڭىنىڭ 2017-يىللىق قىسمەن بايرام-دەم ئېلىش كۈنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى»نىڭ مۇناسىۋەتلىك روھىغا ئاساسەن، 2017-يىللىق تاۋۇز چاغىنى، دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش تۆۋەندىكىدەك ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  دۆلەت بايرىملىق ئورۇنلاشتۇرۇش:

  10-ئاينىڭ 1-كۈنى دۆلەت بايرىمى ۋە 10-ئاينىڭ 4-كۈنى تاۋۇز چاغىنى ئۇلاپ دەم ئېلىنىدۇ. 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 8- كۈنىگىچە دەم ئېلىش تەڭشىلىپ، جەمئىي سەككىز كۈن دەم ئېلىنىدۇ. 9-ئاينىڭ 30-كۈنى (شەنبە) خىزمەت قىلىنىدۇ.

  ئادەت بويىچە، 2017-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ قىشلىق دەم ئېلىش ۋاقتى يولغا قويۇلىدۇ، يەنى: چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10:00 (بېيجىڭ ۋاقتى، تۆۋەندىمۇ شۇنداق)دا ئىشقا چىقىپ، سائەت 14:00تە ئىشتىن چۈشۈلىدۇ، چۈشتىن كېيىن 15:00تا ئىشقا چىقىپ، 19:30تا ئىشتىن چۈشۈلىدۇ.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى

  2017-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر