باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پەلەستىن ئىچكى قىسىمدا پارچىلىنىش ھالىتىدە تۇرغىنىغا خىلى ئۇزاق ۋاقىت بولدى

2017.09.20 16:36         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پەلەستىن ئىچكى قىسىمدا پارچىلىنىش ھالىتىدە تۇرغىنىغا خىلى ئۇزاق ۋاقىت بولدى، بۇ پەلەستىننىڭ تىنچلىق سۆھبەت مۇساپىسىگە زور توسالغۇلارنى ئىلىپ كېلىپ، يارىشىش مۇساپىسى بىر ئىزدىلا توختاپ قالدى. يېقىندا پەلەستىندىكى ئىككى چوڭ گۇرۇھنىڭ بېرى بولغان خاماس فاتاخ بىلەن بولغان يارىشىش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، بۇ پەلەستىندىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى، بۇنىڭ بىلەن پەلەستىننىڭ پارچىلىنىش ھالىتىگە خاتىمە بېرىشتىن ئۈمىد تۇغۇلدى.

  پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى خاماس 17-سېنتەبىر بايانات ئېلان قىلىپ، غەززە رايونىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئىگىلەپ تۇرغان مەمۇرى كومىتېتىنى تارقىتىۋېتىدىغانلىقىنى، پەلەستىن يارىشىش ھۆكۈمىتى بىلەن غەززە رايونىدا تەڭ مەمۇرىيەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشكە قوشۇلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: خاماسنىڭ مۇھىم قارارى، پەلەستىننىڭ ئىچكى قىسمىدىكى يارىشىش مۇساپىسىگە تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىق، ئەگەر خاماس بىلەن پەلەستىن مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى بولغان فاتاخ 2011- يىلى ھاسىل قىلغان يارىشىش كېلىشىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان بولسا، 10 يىل داۋاملاشقان پەلەستىننىڭ سىياسىي جەھەتتىكى پارچىلىنىش ھالىتىگە خاتىمە بېرىشتىن ئۈمىد تۇغۇلىدۇ.

  غەززە ئىزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىيشۇناسلىق پىروفېسسورى نەجى. شەرەب مۇنداق دېدى: خاماسنىڭ قارارى پەلەستىننىڭ ئىچكى قىسمىدىكى پارچىلىنىشىدىكى ئەڭ مۇھىم توسالغۇنى تۈگىتىپ، يارىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ دەرۋازىسىنى ئاچتى.

  خاماسنىڭ ھوقۇقنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشى زۇڭتۇڭ ئابباس رەھبەرلىكىدىكى فاتاخ ئىزچىل تۈردە چىڭ تۇرۇپ كەلگەن يارىشىشىنىڭ ئالدىنقى شەرتى. خاماس كۆپ يىل ئېتىراز بىلدۈرگەندىن كىيىن تۇيۇقسىز ھوقۇقنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە قوشۇلۇشىدا كۆپلىگەن ئىچكى ۋە تاشقى مۇھىم ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

  بۇ يىل، ئابباس شوئار توۋلاشنى داۋاملاشتۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن ئۇنۇم ھاسىل قىلىشنىڭ قىيىنلىقىنى تونۇپ يەتتى، شۇڭا ئۇ، غەززە رايونىدىكى ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ ئىش ھەققىنى ئازايتىش، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى %70 كىشىنىڭ مۇددەتتىن بۇرۇن پېنسىيەگە چىقىشنى تەلەپ قىلىش، ئىسرائىلىيەگە تۆلەيدىغان غەززە رايونىنى تەمىنلەيدىغان توك ھەققىنى ئازايتىش قاتارلىق بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللاندى. بۇ تەدبىرلەر خاماسنىڭ مالىيەسىگە ئېغىر يۈك بولۇپ، ئۇنىڭغا بولغان بېسىمنى كۈچەيتىۋەتتى.

  تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى، بۇ يىل ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ سىياسىتىدە زور ئۆزگىرىش بولۇپ، خاماس ئۆزىنىڭ قوللىغۇچىلىرى بولغان تۈركىيە بىلەن قاتارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانى قاتارلىق پارس قولتۇقى رايونىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە مۇقىمسىزلىق ئالامەتلىرىنىڭ كېلىپ چىققانلىقىنى ھېس قىلدۇردى، كۈچلۈك كىرىزىس تۇيغۇسى ئەڭ ئاخىردا خاماسنى بۇي سۇندۇردى.

  بۇندىن ئىلگىرى، ئىسرائىلىيە گەرچە ئۇزاق مۇددەت قامال قىلىپ تۇرغان بولسىمۇ، بىراق خاماسنىڭ غەززە رايونىدىكى ئىقتىسادى ئارقىغا چېكىنمەي، ئەكسىچە تۈركىيە بىلەن قاتارنىڭ ياردىمىدە زور دەرىجىدە يۈكسەلدى. بولۇپمۇ يېقىنقى بىر قانچە يىلدا، غەززە رايونىنىڭ ئىقتىسادى ئەسلىگە كېلىشكە باشلاپ، بىر قىسىم ئۇل ئەسلە قۇرۇلۇشلىرى قايتىدىن ئىلىپ بېرىلدى. بىراق، قاتار پارس قولتۇقىدا دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش كىرىزىسىدەك قېيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقتىن، خاماس ئۆزىنىڭ مۇھىم قوللىغۇچىسىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىشىنىڭ قىيىنغا توختىشىدىن ئەندىشە قىلدى، يەنە بىر تەرەپتىن بىر تەرەپتە تۇرۇپ سەئۇدى ئەرەبىستانى قاتارلىق ئەرەب دۇنياسىدىكى يادرولۇق دۆلەتلەرنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويۇشنى خالىمىدى. شۇڭا، خاماس فاتاخ بىلەن يارىشىشىنى تاللاپ، مالىيە جەھەتتىكى بېسىمىنى ئاز بولسىمۇ يېنىكلىتىپ، سىرتقى مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشى ئىلىپ كەلگەن پايدىسىز ئامىللارنى ئازايتتى.

  فاتاخ ۋە پەلەستىندىكى باشقا سىياسىي گۇرۇھلار 17- سېنتەبىر ئارقا ئارقىدىن بايانات ئېلان قىلىپ، خاماسنىڭ قارارنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  فاتاخ ئىنقىلاب كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى مەجىت. فاتىيانى مۇنداق دېدى: بۇ پەلەستىننىڭ ئىچكى قىسمىدىكى پارچىلىنىشقا خاتىمە بېرىش يولىدىكى ھەقىقىي ئىلگىرىلەش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

  پەلەستىننى ئازاد قىلىش خەلق فۇرۇنتى، پەلەستىننى ئازاد قىلىش دېموكراتىك فورۇنتى، ئىسلام غازاد تەشكىلاتى قاتارلىق گۇرۇھلار، بۇ پەلەستىننىڭ ئىچكى قىسمىدىكى پارچىلىنىشقا خاتىمە بېرىشتىكى نېگىزلىك قەدەم دەپ، مەملىكەتلىك سۆزلىشىشنى تىزدىن باشلاپ، يارىشىش كېلىشىمىنى ئىجرا قىلىشنىڭ ھەقىقىي مېخانىزمىنى بېكىتىشنى مۇراجىئەت قىلدى.

  فاتاخ، خاماس بىلەن ئىككى تەرەپلىك يىغىن ئىچىشقا، ئارقىدىن پەلەستىندىكى ھەر قايسى گۇرۇھلار قاتناشقان كېڭەيتىلگەن يارىشىش يىغىنى ئىچىشقا تەييارلىق كۆرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

  ئابباس 17- سېنتەبىر بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: مەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 72- نۆۋەتلىك يىغىنىغا قاتنىشىپ قايتىپ كەلگەندىن كىيىن، يىغىن ئىچىپ مىللىي يارىشىش مۇساپىسىگە تۈرتكە بولۇشنىڭ كونكرېت لايىھەسى ئۈستىدە كېڭىشىمەن.

  پەلەستىنلىك سىياسىي تەھلىلچى غەنى. ماسىر مۇنداق دېدى: فاتاخ بىلەن خاماسنىڭ يارىشىشقا بىرلىكتە تۈرتكە بولۇشى، پۈتكۈل پەلەستىننى باشقۇرىدىغان ھۆكۈمەت قۇرۇش، قانۇن تۇرغۇزۇش كومىتېتىنىڭ سايلام ۋە زۇڭتۇڭ سايلىمىنى ئۆتكۈزۈشىگە ياخشى شارائىت ھازىرلاپ بېرىدۇ. سىياسىي جەھەتتە بىرلىككە كەلگەن پەلەستىن، بۇندىن كىيىن پەلەستىننىڭ تىنچلىق سۆھبىتىدە تېخىمۇ كۈچلۈك ساداغا ئىگە بولۇشىدىن ئۈمىد بار.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر