باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئورمانچىلىق جەھەتتە شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتە بۇندىن كېيىن شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدىكى ئۈچ ۋىلايەت بىر ئوبلاستتىكى كۆك نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش تۈپ ۋەزىپە قىلىىنىدۇ

2017.09.20 16:33         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  19-سېنتەبىر ئۆتكۈزۈلگەن 7-قېتىملىق مەملىكەتلىك ئورمانچىلىق جەھەتتە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىدا ئورمانچىلىق جەھەتتە شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتە بۇندىن كېيىن شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدىكى ئۈچ ۋىلايەت بىر ئوبلاستتىكى كۆك نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش تۈپ ۋەزىپە قىلىپ، پۇل مۇئامىلە مەبلىغىدىن يېڭىلىق يارىتىشچان پايدىلىنىش، شۇ جاينىڭ ئورمانچىلىق ئېكولوگىيەسى جەھەتتە نامراتلارنى يۆلەش قۇرۇلۇشىغا مەدەت بېرىش، مىۋىلىك ئورمانچىلىقنىڭ سۈپىتىنى، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، بوستانلىق ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى قاتارلىقلا تۇنجى قېتىم ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  دۆلەتلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى چۈنلياڭ يىغىندا مۇنداق دېدى: يېڭى دەۋىردىكى ئورمانچىلىق جەھەتتە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىدە شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدىكى ئۈچ ۋىلايەت بىر ئوبلاستتىكى كۆك نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تۈپ ۋەزىپە قىلىپ، "ئورمان ھوقۇقىنى گۆرەگە قويۇش قوشۇلغان ھۆكۈمەتنىڭ ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇش"، " ئورمانچىلىقتىكى ھۆكۈمەت ۋە جەمئىيەت كاپىتالى ھەمكارلىقى شەكلى" قاتارلىق ئىناۋەت قۇرۇلمىسىنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۇرۇشى ئۈستىدە ئىزدىنىش ئارقىلىق، مىۋە ئورمىنىنىڭ كۆزلىمە ئۈنۈمىنى قەرز قايتۇرۇشنىڭ نەق پۇل ئېقىمى قىلىپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، سىياسەت خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە قەرز پۇلىدىن 30 مىليارت يۈەن پايلىنىشنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

  بۇندىن بۇرۇن ئورمانچىلىق جەھەتتە شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتە تېرىقچىلىقتىن ئورمانغا قايتۇرۇش قاتارلىق دۆلەت سىياسىتىگە تايىنىلغان ، بۇندىن كېيىن، كۆپ شەكىللىك سىياسەت خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە مەدىتى شىنجاڭنىڭ باغ ئورمانچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا يېڭى ھاياتى كۈچ قوشىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر