باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

دۆلەت ئىچى–سىرتىدىكى 46 ئاۋىياتسىيە شىركىتى شىنجاڭدا 224 تىرانسپورت لىنىيەسى ئاچتى

2017.09.20 16:31         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۈرۈمچى – شىئەن – لخاسا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە 9–ئاينىڭ 13–كۈنى قاتناش باشلاندى، بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭدا دۆلەت ئىچىدىكى مەركىزىي شەھەرلەرگە قاتنايدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تولۇق ئېچىلدى. دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى 46 ئاۋىياتسىيە شىركىتى ھازىرغىچە شىنجاڭدا 224 ھاۋا تىرانسپورت لىنىيەسى ئاچتى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى 46 ئاۋىياتسىيە شىركىتى ئىچىدە، قەرەللىك نۆۋەتچى ئايروپىلان تىرانسپورتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئاۋىياتسىيە شىركىتىدىن 35ى، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت ئىچىدىكى شىركەتتىن 24 (ئىككى يۈك تىرانسپورت شىركىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)ى، رايون ئاۋىياتسىيە شىركىتىدىن بىرى، چەت ئەل ئاۋىياتسىيە شىركىتىدىن ئونى بار ئىكەن. ئېچىلغان 224 ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئىچىدە دۆلەت ئىچىدىكى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىن 197 سى، خەلقئارا (رايون) ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىن 27سى بار ئىكەن؛ ئۈرۈمچى ئايروپورتىدىن 24 دۆلەت، 25 خەلقئارا (رايون)لىق شەھەر، دۆلەت ئىچىدىكى 68 شەھەرگە ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلغان.

  ھازىر چەرچەن، شىخەنزىدىن باشقا، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى تارماق لىنىيەلەردىكى ئايرودۇرۇملارنىڭ ھەممىسىدە ئۈرۈمچىگە بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ھاۋا لىنىيەسى ئېچىلغان. بۇنىڭدىن باشقا، قەشقەر، ئاقسۇ، كورلا، قومۇل، تۇرپان، قاراماي، غۇلجا، شىخەنزە قاتارلىق سەككىز ئايرودۇرۇمدا بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ، چېڭدۇ، چۇڭچىڭ، شىئەن، چىڭداۋ، جېڭجۇ، ئالى قاتارلىق شەھەرلەرگە بىۋاسىتە ئۇچىدىغان 29 ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلغان. 2017 –يىلى 6 –ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭدىكى توققۇز تارماق لىنىيەدە ئۆز ئارا ئۇچىدىغان 17 ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئايرودۇرۇملار ئارا ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى بەشكە، شىمالىي شىنجاڭدىكى ئايرودۇرۇملار ئارا ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئالتىگە، جەنۇبىي شىنجاڭ بىلەن شىمالىي شىنجاڭدىكى ئايرودۇرۇملار ئارا ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئالتىگە يەتكەن.

  يېڭى سىبىرىيە ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ يېڭىدىن موسكۋا – ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئېچىشى بىلەن ئۈرۈمچى – موسكۋا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىكى نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ سانى كۆپەيدى. شەرق ئاۋىياتسىيە شىركىتى خەلق ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ باشقۇرۇش ئىدارىسىگە خېفېي – ئۈرۈمچى – كرابى خەلقئارا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئېچىشنى ئىلتىماس قىلدى، 10–ئاينىڭ ئاخىرىدا قاتناش باشلىنىشى مۇمكىن.

  خەلق ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى ۋەن شياڭدۇڭ مۇنداق دېدى: خەلق ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ باشقۇرۇش ئىدارىسى خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسىنىڭ تارماق لىنىيە ئاۋىياتسىيە تولۇقلىمىسى، تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇم تولۇقلىمىسى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ تارماق لىنىيە ئاۋىياتسىيە تولۇقلىمىسى بېرىشىنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنى شىنجاڭدا تارماق لىنىيەلەرنى ئېچىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ ۋە يېتەكلەپ، شىنجاڭدىكى تارماق لىنىيەلەر ئارا ئۇچىدىغان، ئايلىنىپ ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ تارماق لىنىيەلەردىكى ئايروپىلان قېتىم سانىنى كۆپەيتىشىنى قوللايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، خەلقئارا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تولۇقلىمىسى سىياسىتىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۈرۈمچىدىن پارىژ، رىم قاتارلىق ياۋروپا شەھەرلىرىگە ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنى ئېچىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر