باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شىنجاڭ كۆمۈر سودا مەركىزى جەنۇبنىڭ ئېنېرگىيە بازىرىنى قايتا تەشكىللەيدۇ

2017.09.20 16:41         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كۆمۈر بايلىقىنىڭ تارقىلىشىنىڭ تەكشى بولماسلىقى، توشۇش ئىقتىدارىنىڭ ئاجىز بولۇشى كۆپ يىللاردىن بۇيان ئېلىمىزنىڭ ئېنېرگىيە بازىرىدىكى ئېغىر مەسىلە بولۇپ كەلدى، بۇ خىل ئەھۋال لەنجۇ-چۇڭچىڭ تۆمۈر يولىدا قاتناش باشلىنىشىغا ئەگىشىپ ياخشىلىنىشى مۇمكىن. يىللىق مەھسۇلات مىقدارى 12 مىليارد يۈەن چىقىدىغان، جەنۇبىي رايونلارغىمۇ يەتكۈزۈلىدىغان شىنجاڭ كۆمۈر سودا مەركىزى لەنجۇ-چۇڭچىڭ تۆمۈريولىنىڭ جەنۇبقا ئۇزارتىلىشىغا ئەگىشىپ، جەنۇبنىڭ ئېنېرگىيە بازىرىنى قايتا تەشكىللەيدۇ.

  15-سېنتەبىردىكى كۆمۈر سودىسى بازىرىدا، قۇمۇل-چۇڭچىڭ تۆمۈريولىدا سۈپەتلىك كۆمۈرنى چۇڭچىڭغا توشۇغاندا، بىر توننىسىنىڭ تەننەرخى 861 يۈەن بولدى، ئەمما قۇمۇلدىكى كۆمۈر كاندا بىر توننا كۆمۈر 260 يۈەن ئىدى. شىنجاڭ كۆمۈر سودىسى بازىرىنىڭ مۆلچەرىگە قارىغاندا، جەنۇبنىڭ بازىرىدا بىر توننا كۆمۈر ساتقاندا، بۇنىڭ %70تى توشۇش ھەققى بولۇپ، شىنجاڭ كۆمۈرىنى دۆلەت ئىچىدىكى بازارلارغا تەقسىملەشنى چەكلەپ قويغان.

  لەنجۇ-چۇڭچىڭ تۆمۈريولى غەربىي شىمال ۋە جەنۇبىي رايونلار ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ قولاي يول بولۇش سۈپىتى بىلەن، يېقىندا پۈتۈن لىنىيەدە قاتناش باشلىنىدۇ. بۇ لىنىيەنىڭ مال توشۇش ئىقتىدارى 50 مىليون توننا، ئېغىر تىپتىكى پويىزلار قاتنىسا بولىدۇ. لەنجۇ-چۇڭچىڭ تۆمۈريولىدا قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، شىنجاڭدىن چېڭدۇ، چۇڭچىڭغا بارىدىغان تۆمۈريولدا توشۇش ھەققى تەخمىنەن %30 تۆۋەنلەيدۇ، ۋاقىت يېرىم قىسقىرايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر