باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2017-يىللىق «بىر بەلباغ بىر يول» تاراتقۇلار ھەمكارلىق مۇنبىرى دۇنخۇاڭدا ئۆتكۈزۈلدى

2017.09.20 14:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسى، ھەمكارلىق يېڭى ئەندىزىسى» باش تېما قىلىنغان 2017-يىللىق «بىر بەلباغ، بىر يول» تاراتقۇلار ھەمكارلىق مۇنبىرى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى گەنسۇنىڭ دۇنخۇاڭدا ئۆتكۈزۈلدى، بۇ نۆۋەتلىك مۇنبەرنى خەلق گېزىتخانىسى بىلەن گەنسۇ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇردى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ پىڭ، خەلق گېزىتى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ياڭ جېنۋۇ، گەنسۇ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لىن دو قاتارلىقلار ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى. 126 دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتتىن كەلگەن 265 چەت ئەل تاراتقۇسىنىڭ ۋەكىللىرى مۇنبەرگە قاتناشتى.

  جاڭ پىڭ سۆزىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول» مۇھىم تەشەببۇسى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ئىگىلەپ، دەۋر ئېقىمىغا ماسلىشىپ، مەۋقەنى نۆۋەتتىكى ئەمەلىيەتكە قويۇپ، جۇڭگونىڭ ھەر تەرەپلىمە ئېچىۋېتىش ئۇلۇغۋار خەرىتىسىنى پىلانلاپلا قالماي، يەنە رايونلارنىڭ ئورتاق گۈللىنىش ۋە دۇنيانىڭ تەرەققىياتىدىكى تېپىلغۇسىز پۇرسەتنى يارىتىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يۈكسەك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى ۋە تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەر پائال قاتناشتى. «بىر بەلباغ، بىر يول» تاراتقۇلار ھەمكارلىق مۇنبىرى ھەر قايسى دۆلەت تاراتقۇلىرى ۋە ھۆكۈمەت، سودا، ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى دوستلارنىڭ ئۆز ئارا ئالاقە قىلىش، ئالماشتۇرۇپ ئۆرنەك ئېلىش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىنى چوڭ سۇپا بىلەن تەمىنلىدى. ھەر قايسى دۆلەت تاراتقۇلىرىدىكى دوستلارنىڭ بۇ سۇپىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ياخشى پايدىلىنىپ، ئۇنى يىپەك يولى روھىنىڭ «مىكروفون»ى، يىپەك يولى دوستلۇقىنىڭ «سېيالكا»سى ۋە يىپەك يولى ھەمكارلىقىنىڭ «ئالغا ئىتتەرگۈچى»سى قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» ساداسىنى ياڭرىتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئېچىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر