باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش نەق مەيدان يىغىنىغا مۇھىم تەستىق سالدى

2017.09.18 15:18         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش نەق مەيدان يىغىنى 16-، 17-سېنتەبىر سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ داجۇ شەھىرىدە ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ بۇنىڭغا مۇھىم تەستىق سالدى.

  تەستىقتا مۇنداق دېيىلىدۇ: نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش-تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، نامرات جايلارنىڭ تەرەققىياتتىكى يېتەرسىزلىكلىرىنى تولۇقلاش، نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش كۈرىشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى. جايلار، ئالاقىدار تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىغا ئاساسەن، پىلانلاپ قۇرۇش، كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، كېيىنكى تەرەققىيات قاتارلىق جەھەتلەردە نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلەپ، يېرىمدىن ئارتۇق كۆچۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاپ بولدى، بۇ نەتىجىلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئەرزىيدۇ. ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كۆچۈرۈش كۆلىمى ۋە سۈرئىتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، قۇرۇلۇشنىڭ سۈپىتىنى چىڭ تۇتۇپ، مەبلەغ تۈرلىرىنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، دەل، بىخەتەر، ياخشى كۆچۈرۈش؛ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى مۇجەسسەملەپ ۋە يېتىشتۈرۈپ، جايلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئاممىنى كۆچۈرگەندىن كېيىنكى كەسىپ تەرەققىياتى ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، كىرىمىنى ئاشۇرۇش مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ھەر بىر ئائىلىنى كۆچۈرۈش، ھەر بىر ئائىلىنى نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتقۇزۇشنى كاپالەتلەندۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش كۈرىشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا تېخىمۇ چوڭ تۆھپە قوشۇش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر