باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تۇرپاندا ‹‹ئۇيقۇ››دىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ‹‹ئويغىتىلدى››

2017.09.20 16:32         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كۈن ئولتۇرۇشقا باشلىدى، بىر كۈن ئاپتاپقا قاقلانغان بىپايان قاقاسلىق بىردىنلا جانلىنىپ، جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرىدىغان يارغول قەدىمكى شەھىرىدە راۋابنىڭ مۇڭلۇق ساداسى ياڭرىدى، گۇگۇم چۈشۈشى بىلەن ‹‹يارغول كەچلىك سەيلىسى›› پائالىيىتى باشلاندى، مول مەزمۇنلۇق ئويۇنلار ساياھەتچىلەرنى ئالاھىدە جەلپ قىلغانىدى.

  بۇلتۇردىن بۇيان، تۇرپان شەھەرلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى يولغا قويغان ‹‹يارغول كەچلىك سەيلىسى›› پائالىيىتى ياشلار ياقتۇرىدىغان ساياھەت تۈرىگە ئايلاندى. كەچ كىرىشى بىلەن، ساياھەتچىلەر يارغول قەدىمكى شەھىرىنىڭ غەربىي قوۋۇقىدىن كىرىپ، يول بويىدىكى كېچىلىك بەلگە چىراغلىرىنىڭ نۇرىدا يارغول شەھىرى چوڭ بۇتخانىسى ئالدىغا يىغىلدى، كۆڭۈل قويۇپ تەييارلانغان ئويۇنلار ساياھەتچىلەرنى كۈتمەكتە ئىدى.

  مۇزىكا ئورۇنلاش، شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش، ئۆرپ–ئادەت ئويۇنى قويۇش، تاڭ سىڭنىڭ نوم ئېلىش ھېكايىسىنى سۆزلەش، يىپەك يولى تارىخىنى قايتا نامايان قىلىش قاتارلىق مەزمۇنلاردىن تەركىب تاپقان بۇ مەيدان كېچىلىكتىكى ئارتىسلارنىڭ ھەممىسى تۇرپاندىكى يەرلىك خەلق سەنئەتكارلىرى ئىدى. ساياھەتچىلەر سەھنە ئالدىدىكى گىلەمدە ئولتۇرۇپ نومۇرلاردىن ھۇزۇرلانماقتا ئىدى. پۈتۈن ئويۇن تەخمىنەن بىر سائەت داۋاملاشتى.

  تۇرپان شەھەرلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ شياۋفېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ‹‹يارغول كەچلىك سەيلىسى›› پائالىيىتى ئاساسىدا ‹‹سۇلايمان ۋاڭ مۇنارىنى كېچىسى تاماشا قىلىش››، ‹‹بۇيلۇق كەچلىك ساياھىتى›› قاتارلىق ‹‹كەچلىك سەيلە–ساياھەت تۈرلىرى››نى كەينى–كەينىدىن يولغا قويدۇق، خارابىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش جەھەتتە يېڭىدىن ئىزدىنىپ، 1000 يىل ‹‹ئۇيقۇ››دا ياتقان تارىخىي مەدەنىيەتنى ‹‹ئويغاتتۇق››، ساياھەتچىلەرنىڭمۇ پائالىيەتكە قاتنىشىش جەريانىدا ئىلھامى ئۇرغۇپ، تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىغا بولغان تونۇشى ئۆستى.

  يارغول قەدىمكى شەھىرى تۇرپان شەھىرىنىڭ غەربىدىكى 30مېتىر ئېگىزلىكتىكى يېگانە ئارالغا جايلاشقان. قەدىمكى شەھەرنىڭ تۆت ئەتراپىنى تەخمىنەن 30 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى دەريا جىلغىسى ئوراپ تۇرىدۇ، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 1650 مېتىر، ئەڭ كەڭ يېرىنىڭ كەڭلىكى 300 مېتىر، قۇرۇلۇش خارابىسىنىڭ كۆلىمى تەخمىنەن 380 مىڭ كىۋادرات مېتىرغا يېتىدۇ، تۆت ئەتراپى تىك، قوغدىنىش ئاسان، ھۇجۇم قىلماق تەس ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم جاي. ‹‹خەننامە. غەربىي يۇرت قىسمى››دە ‹‹ئالدىنقى قاڭقىل بەگلىكى يارغولنى ئىدارە قىلىش ئۈچۈن، دەريا ئېقىنىنى بۆلۈپ، شەھەرنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتكەن، شۇڭا يارغول دەپ ئاتالغان›› دەپ خاتىرىلەنگەن، تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئەنشى قۇرۇقچىبەگ مەھكىمىسى ئەڭ دەسلەپ مۇشۇ يەردە قۇرۇلغان.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تۇرپان دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسىنىڭ يىپەك يولى (شىنجاڭ بۆلىكى)دىكى مۇھىم مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداپ رېمونت قىلىش خىزمىتىنىڭ 3–، 4–قارارلىق قۇرۇلۇشىغا بىرلەشتۈرۈپ، يارغول قەدىمكى شەھىرى بۇتخانىسى، مەھكىمە رايونى، تىك گەۋدە قاتارلىقلارنى مۇستەھكەملەش ۋە رېمونت قىلىش خىزمىتىنى تاماملىدى؛ كۆرۈنمە چاستوتىدا قايتا سېلىشتۇرۇش، ئەتراپتىن كىرسە سىگنال بېرىش، يەر يۈزى دولقۇنىنى ئۆلچەپ سىگنال بېرىش قاتارلىق سىستېمىلارنى ئورناتتى؛ مەركىزىي چوڭ يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى تام، ئېكسكۇرسىيە لىنىيەسىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى خارابىلەرنى ئايرىم مۇستەھكەملىدى. يارغول قەدىمكى شەھىرى 2014–يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ–ئىلىم–پەن–مەدەنىيەت تەشكىلاتى تەرىپىدىن دۇنيا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر